تۆت ياشتىن كىچىك بالىلارغا بۇ ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى بەرمەڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5715:ئادەم ئۆگەندى
    ئۇششاق يىمەكلىكلەر چوڭلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلارغا بولغان "جەلپ قىلىش كۈچى" تېخىمۇ چوڭ. يېقىندا، خوشىنىمىزنىڭ بالىسىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگىلى ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، بالىسى ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى يەپ كۆرگەندىن كىيىن، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ كۆرنەرلىك بولۇشقا باشلىغان.
    ئۇنىڭ بالىسى ھەر قېتىم ئۇششاق يىمەكلىك يەيمەن دەپ يىغلاپ خاپا قىلغاندا، خوشنىمىز ئۇنى يىغلىتىشقا كۆڭلى چىدىماي، ئۇنىڭ ھەرخىل تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرىدىكەن. بىراق، بىز ياخشى ئويلاپ باقساق، بالىلارنى ئۇششاق يىمەكلىككە ئادەتلەندۈرۈپ قويىشىمىز، ھەقىقەتەن توغرا ئەمەس؛ ئەگەر بۇنداق ئەركىلىتىپ بالىنىڭ رايىغا بېقىۋەرسەك، كىيىنچە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر يىتىپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟
   ئەمىلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئەركىلىتىپ ئۇنىڭ رايىغا بۇنداق بېقىۋىرىشىنىڭ، بالىغا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق. بولۇپمۇ تۆت ياشتىن تۆۋەن بالىلار، ئۇلارنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئۈچ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى ئۇلارغا ئەڭ ياخشىسى بەرمەسلىك كىرەك.
بالىلار ھەمىشە تاتلىق ئىچىملىك ئىچسە، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز
    تۆت ياشتىن تۆۋەن بالىلار، ئادەتتە قايناقسۇ ئىچىش ياكى چاي ئىچىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ بولالمىغاچقا، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ئۇسساپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزلىرى ئۇزۇقلۇقى يۇقىرى دەپ قارىۋالغان سۈت ئىچىملىكلىرى قاتارلىق تاتلىق ئىچىملىكلەرنى سۇنىڭ ئورنىدا بالىسىغا ئىچكۈزىدۇ. ئەگەر تاماقنىڭ ئالدىدا ئىچكۈزسە، يەنە تېخى ئىشتىھاسىغا تەسىر يىتىدۇ.
باشقا ۋاقىتلاردا ئىچكۈزگەن تەقدىردىمۇ، تاتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ قەنت مىقدارىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغان بولغاچقا، خاس قەنت تەركىبىلا قوبۇل قىلىش، بالىلارنى ئاسانلا "تاتلىققا خۇمار قىلىپ قويۇپ، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، بالىلار سېمىزلىكى، چىشىنى قۇرت يىيىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلارنىڭ ھەمىشە مىۋە ئۇيۇتمىسى يىيىشىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسى يوق
   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بەزىبىر ئانىلارنىڭ، خوشنىسىنىڭ ئوخشاش چوڭلۇقتىكى بالىسىنىڭ خۇشال ھالدا مىۋە ئۇيۇتمىسى يەۋاتقانلىقىنى كۆرسە، بالىسىغىمۇ مىۋە ئۇيۇتمىسى ئېلىپ بىرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمىلىيەتتە، بالىلارنىڭ ساغلاملىقى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل خاتا قىلمىش بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بۇنى ئۆگەنمەسلىكى كىرەك.
    تۆت ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ گەرچە سۈت چىشى چىققان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا نىسبەتەن ئاجىز ھەم شالاڭ بولغاچقا، ھەرقانداق نەرسە يىسە چاينىماي يۇتىۋىتىپ قالىدۇ.  مىۋە ئۇيۇتمىسىغا ئوخشاش بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى، چاينىمايلا يۇتىۋىتىمەن دىسە، بالىنىڭ گېلىغا تۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن.
   تۇرمۇشىمىزدا، بالىلارنىڭ بەزىبىر يىمەكلىكلەرنى يۇتۇپ سالغانلىق سەۋەبىدىن گېلىغا تۈرۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ؛ ئەگەر بالا كىچىكرەك بولۇپ قالسا، ھەتتا نەپەسلىنەلمەي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار قاراشنى توغرىلاپ، بالىلارغا ھەجىمى چوڭ بولغان ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى ئاز بىرىشى كىرەك.
بالىلار ھەمىشە تۇزلۇق ياكى مايلىق يىمەكلىكلەرنى يىسە، بۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز
    مىۋە ئۇيۇتمىسى ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەردىن باشقا، كۆپتۈرمە يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل يىمەكلىكلەر بولسا تۇزلۇق ياكى مايلىق بولغان "ئېغىر تەملىك" يىمەكلىكلەر ھىسابلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئالدىدا، بۇ خىل يىمەكلىكلەرنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلغان خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ كۆپلۈكى قوشۇلۇپ، بالىلار قولىدىن چۈشۈرمەي يەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
   بىراق ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشى كىرەككى، بۇ خىل يىمەكلىكلەر بالىلارنىڭ تەم خاھىشىنى تېخىمۇ ئىنچىكە قىلىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا داغلانغان سەۋەپلىك، بۇ يىمەكلىكلەردە تەتۈر ياغ كىسلاتالىرى قاتارلىق راك كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەركىبلەر شەكىللىنىدۇ، بالىلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق بىر پايدىسى بولمايدۇ.
   ئەگەر بالىسىنىڭ ئۇششاق يىمەكلىك يىگۈسى بار بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى توغرا تاللاپ، بالىسىغا قاتتىق پوستلۇق مىۋە، كالا سۈتى، قېتىق قاتارلىقلارنى بەرسە بولىدۇ. بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، مۇۋاپىق تۈردە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قارىتامۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号