كىچىك بالىلار نىمىلەردىن قورقىدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5698:ئادەم ئۆگەندى
    كونىلاردا "يىڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ" دىگەن گەپ بار. بىراق بۇلار پەقەت بالىلار تېخى كىچىك، ئىش ئۇقمايدىغان بولغاچقا، شۇڭا چوڭلار قورقىدىغان بەزىبىر ئىشلاردىن ئۇلار قىلچىلىك قورقمايدۇ. مەسىلەن، قولىدا قۇرت-قوڭغۇزلارنى تۇتۇش، ئېگىز جايدىن پەسكە سەكرەش، ھەتتا ئۇچۇپ كىتىپ بارغان ھاشارەتلەرنى تۇتۇپلا ئېغىزىغا سېلىش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خىل "باتۇرانە قىلمىشلىرى"، ئۇلارنىڭ تۇغۇلما قورقماس ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا قورقىدىغان نەرسىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ چوڭ تەرىتىدىن قورقۇش، كارۋاتنىڭ تىگىدىكى غەلىتە مەخلۇقتىن قورقۇش، چىقىرغان ئاۋازدىن قورقۇش، پەشتاققا چىقىپ چۈشۈشتىن قورقۇش دىگەنلەرگە ئوخشاش.
    ئۇنداقتا، بالىلار زادى نىمىلەردىن قورقىدۇ؟ بۇ ھەقتە يېقىندا، ئامىرىكا كىلىنكىلىق پىسخىكىلىق مەسلىھەتچىسى بىر پارچە ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە 7-2ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ قورقىدىغان نەرسىلىرىنىڭ كونكىرتنى تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بۇ تىزىملىكنىڭ مەزمۇنىنى سۇنىمىز!
4-2ياشقىچە بولغان بالىلار
   1. شاۋقۇن سۈرەندىن قورقىدۇ. ئۆيدىكى بەزىبىر "غوقىراپ" ئاۋاز چىقىرىدىغان ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىدىن (چاچ قۇرۇتقۇچ، چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ دىگەنلەرگە ئوخشاش) قورقىدۇ؛ تۇيۇقىسز كەلگەن يۇقىرى ئاۋازلىق شاۋقۇن سۈرەنلەردىن (گۆلدۈرماما ئاۋازى، پوجاڭزا ئاۋازى ياكى تېلىۋىزوردا تۇيۇقسىزلا چىققان چىقىراش قاتارلىق يۇقىرى ئاۋازلار) تېخىمۇ قورقىدۇ.
   2. نىقاپ تاقىۋالغان كىشىلەردىن قورقىدۇ.
   3. ناتۇنۇش كىشىلەردىن قورقىدۇ.
   4. ئۆزى يالغۇز ئۇخلاشتىن قورقىدۇ.
   5. ئاتا-ئانىسى بىلەن ئايرىلىپ كىتىشتىن قورقىدۇ.
   6. سۇدىن قاچىدۇ(يۇيۇنۇش، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، سۇ ئاققان ئاۋاز، قاچا يۇغان ئاۋاز، يامغۇر ئاۋازى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن قورقىشى مۇمكىن.
7-5ياشقىچە بولغان بالىلار
   1. ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ كىتىشتىن قورقىدۇ.
   2. غەلىتە مەخلۇقلاردىن قورقىدۇ.
   3. ئۆزى يالغۇز ناتۇنۇش جايدا ئېزىقىپ قېلىشتىن قورقىدۇ.
   4. قورقۇنچلۇق كىنو، كىتاپ، ھىكايىلەردىن قورقىدۇ.
   5. قاراڭغۇدىن قورقىدۇ
   6. دوختۇر ۋە سېستىرا، دىزىنفىكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى پۇرىقىدىن قورقىدۇ.
   7. ئاپتۇماتىك لىفىتتىن قورقىدۇ.
    ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلارغا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، بالىڭىز مەيلى قانداق نىمىدىن قورقمىسۇن، ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ياكى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بالىلارنىڭ بۇ نەرسىلەردىن قورقىشىدىكى سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئۇچراشقان شەيئىلىرىنىڭ بەك ئاز بولغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنى مەقسەتلىك ھەم تەدرىجى ھالدا بۇ شەيئىگە ئۇچرىشىشقا يىتەكلىسەك، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى قورقۇنچنى ھەقىقى تۈردە تۈگەتكىلى بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号