ھامىلدار ئايال ئۇخلىغاندا قورسىقىدىكى بالىسى نىمە ئىش قىلىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدار بولۇش، ھەربىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن بەخىتلىك ۋە گۈزەل بىر ئىش. ھامىلدار ئاياللار قوسىقىدىكى بالىسىنىڭ ھەر بىر ئەھۋالىغا قارىتا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ھەمىشە بەزىبىر ھامىلدار ئاياللارنىڭ "قوسىقىمدىكى بالام شوخلۇق قىلىپ ئويناقشىپ كىتىپ بارىدۇ" دىگەنلىكلىرىنى ئاڭلايمىز. ئۇلار قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ھەرۋاقىتلىق ئەھۋالىغا ئىنتايىن قىزىقىدىغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قورسىقىدا زاى نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈسى كىلىپ كىتىدۇ.
     ئۇنداقتا، ھامىلدار ئايال ئۇخلاۋاتقاندا، قورسىقىدىكى بالىسى نىمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
بەزىدە شوخلۇق قىلىپ بەزىدە تىنچلىنىپ قالىدۇ
   ھامىلدار ئاياللار، ئۆزى بىلەن قورسىقىدىكى بالىسنىڭ ئارام ئېلىش دەۋر مەزگىلى ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭا مەن ئارام ئالغان ۋاقىتتا قوساقتىكى بالىمۇ ئارام ئالىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ھامىلدار ئاياللار ئارام ئالغان ۋاقىت، دەل قورسىقىدىكى بوۋاقنىڭ روھى ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئانىسنىڭ قورسىقىدا، قوللىرىنى شۈمۈپ، اكى پۇت قوللىرىنى مىدىرلىتىپ ئوينايدۇ؛ بەزى جىم تۇرالمايدىغان بوۋاقلار بولسا ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئۆرۈلۈپ چۆرۈلۈپ، پۇت قوللىرىنىڭ پەيلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
كىندىك بېغىنى ئوينايدۇ
    كىندىك بېغىنىڭ ئاساسلىق رولى، ھامىلدار ئايال بىلەن ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاق ئوتتۇرسىدا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش بولۇپ، ھامىلدار ئايال قوبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسى كىندىن بېغى ئارقىلىق بالىغا يەتكۈزۈپ بىرىلىدۇ. بىراق، نۇرغۇنلىغان كەپسىز بوۋاقلار، ھەمىشە كىندىك بېغىنى قولىدا تۇتۇپ ئوينايشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ئىمكان قەدەر ئازلىتىپ، كىندىك بېغىنىڭ بوۋاقنى چىرمىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشغا دىققەت قىلىش كىرەك؛ بولمىغاندا، ئەگەر كىندىك بېغى بوۋاقنىڭ چىڭراق چىرمىۋالسا، بوۋاق نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.
ئۇخلاش
    كەپسىزلىك قىلىپ تولا مىدىرلاش بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇخلاش ۋاقتىمۇ بار بولىدۇ؛ بوۋاق ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئويناپ ھېرىپ قالغان ۋاقتىدا، ئۇخلاپ ئارام ئالىدۇ. بوۋاقلار ئۇخلىغان ۋاقتىدا، باش سۈيى ئىچىگە پۈتۈنلەي ئورۇنۇپ تۈگۈلۈپ ئۇخلاشقا ئامراق بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇلار بىرقەدەر خاتىرجەملىك ھىس قىلىدۇ.
باش سۈيىنى ئىچىش
   بوۋاقلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇش ئۈچۈن، ئىزچىل تۈردە ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشى چايناپ ھەزىم قىلىشقا تايانمايدىغان بولۇپ، يۇتۇش ئارقىلىقمۇ بەدىنى ئۆسۈشكە ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى يىتەرلىك سۈمۈرەلەيدۇ. بوۋاقلار بەزىدە يەنە باش سۈيىنى يۇتۇپ ئوينايدىغان بولۇپ، سۈمۈرۈپ بولغاندىن كىيىن يەنە قۇسۇپ چىقىرىپ ئوينايدۇ؛ بۇ ھەم ئۇلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى سۈت ئىمىشى ئۈچۈن چېنىقىشى ھىسابلىنىدۇ.
كىچىك تەرەت قىلىش
    بوۋاقلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە تەرەت قىلىشمۇ بولىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدارلىق 14-ھەپتىسىدىن كىيىن، بوۋاقلار قوبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقلار كىرەكسىز ماددا شەكىللەندۈرۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، بو ۋاقىتتا بوۋاقلار بىۋاستە ئانىسىنىڭ باش سۈيى ئىچىگە كىچىك تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە باش سۈيىنىڭ تازىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سۈيدۈكنى ئانىنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتىغا چىقىرۋىتىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号