سېمىز ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولمىقى ئەسلىدىنلا ئاسانغا توختىمايدۇ؛ چۈنكى، سېمىز ئاياللاردا تۇخۇم ئىشلەپ چىقارمايدىغان ھەيىز كىلىش، ھەيىز ئاز كىلىش، ھەيىز توختاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدار ئاياللار ئىشلەپچىقارغان تۇخۇمنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى بولمايدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئەر كىشىمۇ سېمىز بولسا، ھامىلدار بولۇشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
سېمىز ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشى تەس بولۇشتىن باشقا، ئۇلار ھامىلدار بولغاندىن كىيىنمۇ، سالامەتلىكىدە ئاسانلا بەزىبىر مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، دوختۇرلار ئادەتتە ئاياللارغا يىمەك-ئىچمىكىنى كونتىرول قىلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلىش تەكلىۋىنى بىرىدۇ. ئۇنداقتا، سېمىز ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلاردا قانداق مەسىلىلەر ئاسانلا كۆرۈلۈپ قالىدۇ؟

ھامىلدارلىق مەزگىلى دىئابىت كىسەللىكى
دىئابىت كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل سېمىزلىكتۇر. تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىغان سېمىز ئادەملەر بار، بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇزۇقلۇقلارنى تۇلۇقلاشقا ئىھتىياجلىق بولغاچقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۆزىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قېلىپ قورسىقىدىكى ھامىيلىگە تەسىر يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، چوڭ يەپ ئۇزۇقلۇق تولۇقلىماقچى بولىدۇ؛ ئاخىرىقى نەتىجىدە بولسا، ئۆزىنى تېخىمۇ سېمىرتىۋىتىدۇ. بىراق سېمىز ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئىزچىل تۈردە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھالەتتە تۇرىدىغان بولغاچقا، دىئابىتى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۆرنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ سېمىزلىك بولسا، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىدىكى مۇھىم خەتەر ئامىلىنىڭ بىرى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 120جىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ئاياللارغا قارىغاندا 3-2ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىش خەتىرى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ
سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھامىلدار بولغاندىن كىيىنكى سېرىق تەن ئىقتىدارى يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھامىيلە ھەمرىيىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، سېمىز ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، بالىسىنىڭ چۈشۈپ كىتىش نىسبىتى، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
تۇغۇتى قىيىنلىشىدۇ
ھامىلدار ئايالنىڭ سېمىزلىكى، ۋاستىلىق ھالدا ھامىيلىنىڭمۇ سېمىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ھامىيلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 8جىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، تىببابەتتە چوڭ بوۋاق دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال يەنە ئۆزۈم تۇغىمەن دىسە، تۇغۇتىنىڭ تەسلىشىپ قېلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرىلاپ، ھامىلدار ئايال ۋە بوۋاقنىڭ ھەر ئىككىسىگە خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، دوختۇر ئادەتتە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش تەكلىۋىنى بىرىدۇ.