ھامىيلە، پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىنى باش سۈيى ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، باش سۈيى بولسا، ھامىيلىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىمدۇر؛ باش سۈيى، ھامىيلە ئۈچۈن ئەركىن ھەرىكەتلىنىدىغان بىر بوشلۇق شەكىللەندۈرۈپ بىرىپلا قالماي، ئۇ يەنە ھامىيلىنىڭ سىرتتىن كەلگەن بېسىمغا ئۇچرىشىنى ئازايتىپ، ئۇنى زەخمىگە ئۇچراشتىن ساقلايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئەگەر تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ ئەھۋاللار باش سۈيى كەملەپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئاياللار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كىرەك. چۈنكى، باش سۈيى كەملەپ كىتىش، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، يىتىلىشى ئاستىلاپ قېلىش ياكى يىتىلىشى بىنورمال بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىيلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى بىنورمال
ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى دائىملىق تەكشۈرتۈشكە قارىتا، ھامىلدار ئاياللار ھەرگىز ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ ياكى باشقا بىنورماللىق بولمىغاندىكى دەپ تەكشۈرتۈشكە بېرىشقا سەل قارىماسلىقى كىرەك. ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئۆلچەش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا چوقۇم ئېلىپ بېرىشقا تىگىشلىك بىر تۈر بولۇپ، ئادەتتە دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ھەر مىنۇتىغا 160-120قېتىم ئەتراپىدا بولسا، نورمال بولغان بولىدۇ. ئەگەر بۇ دائىرە ئىچىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، مەيلى ئاستا بولسۇن ياكى تىز بولسۇن، ئوخشاشلا ھامىلدار ئايالدا باش سۈيى يىتىشمىگەنلىكنىڭ مەسىلىسى بولۇپ، بۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قارىماق لازىمدۇر.

ھامىيلە مىدىرلىغان ۋاقىتتا، بالىياتقۇ ئاغرىش
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى، ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن ئاجايىپ سىرلىق بىر ئىش. ئادەتتە، ھامىلدارلىق 20-18 ھەپتىسىدىن باشلاپ، ھامىلدار ئاياللار قوسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى سىزەلەيدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئاياللار خۇشال بولۇش بىلەنلا بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك. ئەگەر ھامىيلە مىدىرلىغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاغرىق سىزىمى كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم ھامىيلىنىڭ سىزگە يەتكۈزگەن سىگنالى—باش سۈيى يىتىشمىگەنلىكنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. باش سۈيى يىتەرلىك كۆپ بولسا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى كىچىكىپراق ھىس قىلىشىڭىز ياكى بوشراق ھىس قىلىشىڭىز مۇمكىن؛ ئەكسىچە، ئەگەر باش سۈيى كەمچىل بولۇپ قالسا، ئوخشاش قاتتىقلىق دەرىجىسىدىكى ھامىيلە مىدىرلىشى، ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاغرىق سىزىمى پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈش كىرەك.

ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئورنى ئېگىزلىكى ۋە قوساق ئايلانمىسى ئوخشاش بىر قەرەل ئىچىدە ئۆلچەمگە يەتمەسلىك
بالىياتقۇ ئورنى ئېگىزلىكى ۋە قوساق ئايلانمىسى، ھەر قېتىملىق تۇغۇت تەكشۈرۈشىدە چوقۇم تەكشۈرىلىدىغان تۈردۇر.چۈنكى، بۇ ئىككى خىل سانلىق مەلۇماتتىن، دوختۇرلار ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگەللىيەلەيدۇ.؛ مەسىلەن، باش سۈيىنىڭ مىقدارى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدىغان بىر كۆرسەتكۈچتۇر. ئەگەر باش سۈيى مىقدارى ئۆلچەملىك دائىردە بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئورنى ئېگىزلىكى ۋە قوساق ئايلانمىسى، ئوخشاش بىر قەرەل ئىچىدە چوقۇم نورمال دائىرە ئىچىدە چىقىدۇ. چۈنكى، باش سۈيىنىڭ ئاز كۆپ بولۇشى، بىر تەرەپتىن بالىياتقۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، جايلىشىش ئورنى قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈش تىزلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەردە، باش سۈيى ئازلاپ كەتسە، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ئاستىلاپ كىتىدىغان بولۇپ، بالىياتقۇ ئورنى ئېگىزلىكى ۋە قوساق ئايلانمىسى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ.

بالىياتقۇ سەزگۈر بولۇپ قېلىش
بالىياتقۇنىڭ سەزگۈر بولۇپ قېلىشىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ئادەتتىكى ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى ئۇنچە بەك قاتتىق بولمىسا، ئەمما تۇرۇپ-تۇرۇپلا قاتتىق تولغاق تۇتقاندەك سىزىم پەيدا بولسا، بەزىدە ھەتتا ئاغرىق سىزىمى بىللە قوشۇلۇپ كەلسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىرقەدەر كۆپ بولسا، ئۇنداقتا بۇ باش سۈيى كەملەپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى باش سۈيى يىتىشمىگەندە، ھامىيلىنىڭ سىرتقى مۇھىت تەسىرىگە بىۋاستە ئۇچرىشىشىنى ئاستىلىتىش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا تولغاق پەيدا بولۇش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كىچىك ئىش بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ باش سۈيى يىتىشمەسلىكتەك بۇ خىل ئەھۋاللار، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكتەك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئاياللار چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، سەۋەبىنى ئىنقلاپ چىقىشى ھەمدە كىرەك بولغاندا مۇناسىپ ھالدا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشى كىرەك.