بالىلارنىڭ كەلگۈسى ھاياتى ئاتا-ئانىسىنىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5696:ئادەم ئۆگەندى
   دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى كىچىك بالىلار بولسۇن، ھەممىسىلا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئەمىلىيەتتە، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سېلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى خاتالىقىنى تۇنىماسلىق ھەم ئۆزگەرتمەسلىك. چوڭلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ توغرا خاتانى ئايرىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا قارىتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇتقان ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسا، بالىلار تۈپتىن ئوخشىمىغان كەلگۈسى ھاياتقا يۈزلىنىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلىمەكچى بولغان ئىككى ئەمىلى مىسال، ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ بالىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
    مىڭ مىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكى بىر ساۋاقدىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەلگەنلىكتىن. كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا سوۋغات بەرمەكچى بولۇپتۇ؛ مىڭ مىڭ بىر قېتىملىق ساياھەتكە چىقىش جەريانىدا ئىھتىياتسىزلىقتىن پۇل قاپچۇقىنى يۈتتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ساۋاقدىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغات ئالغۇدەك پۇلى يوق ئىدى. مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن، ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ماگزىنلارغا كىرىپ سوۋغات تاللاشقا چۈشۈپتۇ، پەقەت مىڭ مىڭلا باشلىرىنى ساڭگىلاتقان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. مىڭ مىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن، ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان ئانىسىنىڭ پۇل قاپچۇقىنى كۆرۈپ، ئېچىپ ئىچىگە قارىسا، ئىچىدە يۈز يۈەنلىك ۋە ئەللىك يۈەنلىك پۇلدىن نەچچىسى بار ئىكەن. مىڭ مىڭ ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئانىسىنىڭ پۇل قاپچىقىدىن ئەللىك يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئېلىپ ماگزىن تەرەپكە قاراپ يۈگرەپتۇ.
    ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئانىسىنىڭ  پۇل قاپچۇقىدىكى پۇلنى ئۆزىنىڭ ئالغانلىقىنى ئاللبۇرۇن بىلىپ بولغانلىقىنى بايقىغان مىڭ مىڭ، ئۆزىنى ئەيىبلىگىنىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئانىسىدىن ئەپۇ سوراپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن، ئانىسى مىڭ مىڭنى ئەيىبلەپ تىللاپ كەتمەستىن، بەلكى مىڭ مىڭغا بۇ خىل ئوغۇرلۇقچە پۇل ئېلىش قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپتۇ ھەمدە مىڭ مىڭدىن ئەمدى ئىككىنچى بۇنداق ئىش قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىپتۇ. شۇندىن باشلاپ، مىڭ مىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەھەتتە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئانىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇدىغان بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كىتىپتۇ.
    ئەمما مىڭ مىڭغا سېلىشتۇرغاندا، شىياۋ لىننىڭ بۇنداق تەلىيى كەلمىگەن. مەكتەپتىكى ۋاقىتتا، شىياۋلىننىڭ يېقىن بىر دوستى كىسەل بولۇپ قالغان، شىياۋمىڭ جىددىچىلىكلتە ئانىسىنىڭ 50يۈەن پۇلىنى ئېلىپ، ئۇ دوستىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. كىيىن شىياۋلىننىڭ ئاپىسى بۇنى بايقىغاندىن كىيىن، ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، شىياۋلىننى تىللاپ كەتكەن: "ھۇ بەدبەخ، سەن مىنىڭ پۇلىمنى ئوغۇرلاپسەن، سەن دىگەن ئوغرى". ئانىسىنىڭ ئاچچىقلىنىپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ، شىياۋلىن ناھايىتى بەك خىجالەتچىلىكتە قېلىپتۇ. شۇندىن باشلاپ، شىياۋلىن كۆڭلىدە ئۆزىنى "مەن دىگەن ئوغرى" دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قېلىپ، مىجەز خارەكتىرى بارغانسىرى ئىچ مىجەز بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەن ھەمدە ھەمىشە باشقىلار ئۇنى ياراتمايدىغاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالغان؛ ئاخىرىدا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرەلمەي، ئوقوشتىن توختاپ رىمونتچىلىققا شاگىرتلىققا كىرگەن.
    ئوخشاش بىرخىلدىكى ئەللىك يۈەننىڭ ئىشى، ئىككى ئانىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل قوللىنىشى، ئىككى بالىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى يۆنىلىشكە يولغا سالغان. ئەمىلىيەتتە، ئادەم كىشىلىك ھاياتتا خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى خاتالىقىنى تۇنۇش ۋە تۈزىتىشتۇر. ئۇنداقتا، بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئاتا-ئانىلار قانداق پوزۇتسىيەدە بولۇش كىرەك؟
ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرۈشتە قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش
    بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ئىنىق بىلىپ يىتىشى كىرەك. ھەرقانداق بىر بالا بىكاردىن بىكارغا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ، چوڭلار بالىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئويلىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك. مەسىلەن، يۇقىردىكى مىسالدىكى شىياۋلىن، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ پۇلىنى يۇشۇرۇن ئالغانلىقى ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس، ئەمما شىياۋلىننىڭ پۇلىنى يۇشۇرۇن ئېلىشتىكى ئەڭ دەسلەپكى مەقسىتى بولسا، ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن بۇلۇپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خوشاللىق بىلىشنىڭ ئۆزى ئەسلىدە ياخشى بىر ئىش. بىراق شىياۋلىننىڭ ئانىسىنىڭ بۇ ئىشنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، شىياۋلىنغا زور دەرىجىدە يامان تەسىر ئېلىپ كەلگەن.
ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ، خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بىرىش
    ئەھۋالنى ئىنىق ئىگەللىگەندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا مەيلى نىمە سەۋەپتىن بولمىسۇن، خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇتۇش ھەمدە بىر ئىشقا نىسبەتەن، نۇرغۇن خىل ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى بار بولىدىغانلىقىنى بالىلارغا بىلدۈرۈش كىرەك. بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى گۇمانىنى ياكى غەم –ئەندىشىسىنى يوقىتىش كىرەك.
بالىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى ئىپادىلەش
    ئاخىرىدا، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا تەربىيە ئىشلىگەن ۋاقتىدا، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشنىڭ دىگىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى، خاتالىقنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن، ھاياتلىقتىكى تەجىربە-ساۋاققا ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بالىلارغا بىلدۈرۈش كىرەك. بالىلار بىلەن بولغان ئوتتۇرلۇقتىكى ئىشەنچنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بالىسىغا بىلدۈرۈش كىرەك.

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号