بالىڭىزنى مۇنەۋۋەر چوڭىسۇن دىسىڭىز، بۇ تۆت نوقتىغا دىققەت قىلىڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6894:قېتىم كورۇلدى
    بىز جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قارىشىچە بويىچە، "بەدەل تۆلەشكە كۆزى قىيىش" بولسا بىر خىل پاراسەت ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بەدەل تۆلىگىلى كۆزىمىز قىيغان ۋاقىتتا، بىز ئاندىن مۇناسىپ ھالدا جاۋاپقا ئىرىشەلەيمىز.
   بالا تەربىيەلەش جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا بەدەل تۆلەشكە كۆزىمىز قىيغان ۋاقىتتا ئاندىن ياخشى جاۋاپقا ئىرىشەلەيمىز؛ جۈملىدىن، ئاتا-ئانىلار كۆپلەپ بەدەل تۆلەپ ئەجىر سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن بالىسىنى مۇنەۋۋەر قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايدۇ. ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە، بەدەل تۆلەشكە "كۆزى قىيىدىغان" بولۇشى كىرەك.
ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بالىلارغا ھەمرا بولۇش
    ھازىر تۇرمۇش رېتىمى بىرقەدەر تىز بولۇپ، كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار خىزمەت قىلىپ ئۆينى بېقىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان بولغاچقا، بالىلارغا ھەمرا بولىدىغان ۋاقتى تەبىئىلا ئازلاپ كىتىدۇ؛ بىراق بۇ ئەھۋال، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا ھەمرا بولۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغان بولۇپ، ھەرقانچە ئالدىراش بولغان تەقدىردىمۇ، ئازدۇر-كۆپتۇر ۋاقىت چىقىرىمەن دىسە چىقىرالايدۇ.
     بالىلار، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقى ئاستىدا ئاندىن ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ مۇھەببىتىنى ھىس قىلالايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ قۇرۇلۇپ چىقىشى، مىجەز-خارەكتىرىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پىسخىكىلىق ساغلاملىقى قاتارلىق تەرەپلىرىگە ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا-ئانىنىڭ ھەمراھلىقى، بالىنىڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
     ئەكسىچە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقى كەمچىل بولغان بالىلارنىڭ مىجەزى كۆپىنچە، سەزگۈر، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان ياكى ئويۇنغا بىرىلىپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولالمايدۇ.
مۇۋاپىق تۈردە قول قويۇۋىتىشنى بىلىش
     بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار تەدرىجى ھەم پىلانلىق ھالدا چىكىنىپ چىقىشنى بىلىشى كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىلار تەدرىجى ھالدا بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك.
    تاماق يىيىشتىن باشلاپ، ئاتا-ئانىلار قولىنى قويۇۋىتىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ تاماق يىگۈزىمەن دىمەي، بالىلارنىڭ ئۆزى يىيىشكە رىغبەتلەندۈرۈش؛ كەينىدىن كىيىمىنى كىيىش، ئاياغ بوغقۇچىنى چىگىش، قاتارلىقلارنىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قىلىشقا كۆندۈرۈپ، تەدرىجى ھالدا ئۇلارغا چامىسى يىتىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنىمۇ قىلغىلى سېلىش كىرەك. بۇنىڭدا بالىلار ئاندىن ئۆزىنى چېنىقتۇرالايدۇ.
بالىلارنى ماختاشنى كەم قويماسلىق
    ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەيىبلىشى ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار كۆپىنچە يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىدىغان، قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ماختاش ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار بولسا، كۆپىنچە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان كىلىدىغان بولۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى.
     ھەرقانداق بىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ؛ ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىكى بولسا، ئۇلاردىكى بۇ يارقىن نوقتىلارنى تۇتقا قىلىپ، بالىلار ئۈچۈن ئىجابى بەلگە قويۇش، بالىلارنى ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى تۇنۇغان ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدىغان قىلىش كىرەك.
ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا كۆز قىيىش
   پۇل خەجلەش تىلغا ئېلىنسا، بالىسى ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيمايدىغان ئاتا-ئانىلار ئاساسەن بولمايدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنى تەربىيەلەش جەھەتتە تېخىمۇ شۇنداق. بىراق ئۆزى ئۈچۈن پۇل خەجلەپ ئۆزىگە مەبلەغ سېلىشقا كەلسەك، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ خىيالى بولسا، "مىنىڭ بولۇشۇم مۇشۇ، پەقەت بالىمىز ياراملىق ئادەم بولسىلا بولدى" دىيىش بولىدۇ.
    بىراق، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى، ئۇلارنىڭ بالىسى ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىپ بىرىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىمدۇر. مەسىلەن، ئەگەر بالىڭىزنى كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولسۇن دىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىز ھەر كۈنى مۇقىم بىر سائەت كىتاپ بەرسىڭىز، بۇ بالىغا بىر دۆۋە كىتاپ ئېلىپ بەرگەندىن بەكرەك ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
    بالا تەربيەلەشتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زىھىن سەرپ قىلىشى لازىم بولىدۇ. بالىڭىزنى مۇنەۋۋەر ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقسۇن دىسىڭىز، ئۇلار ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيىش بىردىنبىر ئۇسۇل ئەمەس، ئەكسىچە بەزىدە ئويلىغىنىمىزنىڭ قارشىسىچە ئۈنۈم كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا-ئانىلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت تۈرلۈك ئىشتا كۆزى قىيسا، ئىشىنىمەنكى، بالىڭىز بارغانسىرى مۇنەۋۋەر بولۇپ كىتىدۇ.

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号