بالىلار ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا تاماق يىگۈزمەسلىك كىرەك
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
    ئوغلۇم 3ياش 10ئايلىق بولدى؛ ئۇ ھەر كۈنى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا، ھەمىشە قورسىقىم ئاچتى دەپ تۇرۋالىدىغان بولغاچقا، مەن ئادەتتە ئۇنىڭغا كۈندە دىگۈدەك بىر ئىستاكان قېتىق ۋە ياكى بىرەر پارچە تورت يىگۈزۈپ ئۇخلىتاتتىم. بىر كۈنى كەچتە ئۇ تۇخۇم تورتى يەپ بولغاندىن كىيىن، ئۇخلاشقا يېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا "ئانا، مەن بىئارام بولۇپ كەتتىم" دەپ ۋايساشقا باشلىدى ھەمدە ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىرىپ، قۇرۇق ھۆتىلىشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ "يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش" كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا بىر نەرسە يىگۈزۈشنى توختاتقان ئىدىم، ئۇنىڭدىكى گالنى قىرىش، قۇرۇق ھۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئۈچ كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي يوق بولدى.
   بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىرىش ۋە قۇرۇق ھۆتىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ كىسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، بۇ بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا نەرسە-كىرەك يەپ ياتىدىغان ئادىتى بار ئىكەن.
    ئۇنداقتا، "يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى" دىگەن زادى قانداق كىسەللىك؟ ئۇ بولسىمۇ، يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاشقازان ئىچىدىكى يىمەكلىكلەر گال قىسىمغا يېنىپ چىقىۋىلىپ، يۇتقۇنچاق چاپلاشقاق پەردىسىنى غىدىقلاپ ۋە زەخمىگە ئۇچرىتىش ھەمدە بۇ سەۋەپلىك كىلىپ چىققان بىر قاتار ئالامەتلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا، يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى بىلەن ئاشقازان يىمەكلىك يوللىرىدىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ؛ ئەمما ئىككى خىل كىسەللىك بولسا، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك، لىكىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كىسەللىكتۇر. يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆپ خىل ھەم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى يوق كىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق ئالامەتلىرىدىن ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، گالغا غەلىتە نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك ھىس قىلىش، توختىماي گال قىرىش، قۇرۇق ھۆتىلىش، بەلغەم كۆپ يېغىلىۋىلىش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئالامەتلىرى بار.
    ئاشقازان كىسلاتاسىنى توسۇپ داۋالاش بىلەن تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈش، نۆۋەتتە يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكىنى داۋالاشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل. تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش بولسا، كىچىسى تەتۈر يېنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن كارۋاتنىڭ بېشىنى ئايىغىغا قارىغاندا ئىگىزرەك قىلىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاماق يەپ ياتماسلىق، قەھۋە، شاكىلات ۋە يۇقىرى ماي تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش، تاتلىق ۋە كىسلاتالىق مىۋىلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر قىسىم بالىلاردا، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن، ئۇلاردىكى يۇتقۇنچاق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە پەسىيىدۇ. ئەگەر بالىلار ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىنمۇ، ئۇلاردىكى كىسەللىك ئالامەتلىرىدە يەنىلا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىسە، ئۇنداقتا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى توسۇش دورىلىق داۋالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا تاماق يەپ ئۇخلايدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىنمۇ ياخشى بولالمىغان بالىلارغا قارىتا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا تەجىربىلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号