بالىلارغا زىيادە كۆيۈنگەنلىكىڭىزنى چاندۇرماڭ
9 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 10021:قېتىم كورۇلدى

 ھەممە ئاتا – ئانا ئۆز بالىسىنى ئەڭ قالتىس ھېسابلايدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت، تەربىيەلىنىش ۋە مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بالىلارنىڭ يېتىلىشىدە مەلۇم پەرقلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھال نۇرغۇن ئاتا – ئانىغا ئۆزىنىمۇ، بالىسىنىمۇ قىينايدىغان باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق بالا ھامان بىر تەرەپتە ئۈزۈپ چىقىدۇ. ئەمما بەزى ئاتا – ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىغا زىيادە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تەربىيەلەيدۇ. لېكىن، بۇنداق چەكتىن ئاشقان كۆيۈمچانلىق ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر.

نۇرغۇن ئاتا – ئانا پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بالىسىغا ئەڭ ياخشى ئويۇنچۇقلارنى، كىيىم – كېچەكلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، بۇنداق بالىلار كۆپىنچە قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئاقنانچى بولۇپ قالىدۇ.
ئادەتتە مۇنداق ئەھۋاللارغا دائىم يولۇقىمىز: يېڭى ئايىغى چىققان بالىلار تەمتىلەپ مېڭىپلا يىقىلىپ چۈشكەندە بەزى ئاتا – ئانىلار يۈگۈرۈپ بېرىپ بالىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. بۇ بالىلاردا ئاسانلا تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپمۇ بوينىغا ئالمايدىغان، ھەتتا باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىچىك بالىنىڭ يېقىلىپ چۈشۈشى نورمال ئەھۋال. بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقسىمۇ يەنىلا ئۆزى ئاپىرىپ – ئەكىلىدۇ. يەنە بەزى ئاتا – ئانىلار خىزمىتى ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئىشلىرىنى تاشلاپ پۈتۈن كۈچىنى بالىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە قارىتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا بولسۇن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بولسۇن، ئىمتىھان باشلانغاندىن تارتىپ تاكى تۈگىگىچە بالىلىرى بىلەن بىللە بېرىپ – بىللە كېلىدۇ. بۇنداق ئۆگىنىپ قالغان بالىلاردا قانداقمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى بولسۇن؟ بۇنداق ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭغا ئاتا – ئانىلارنىڭ زىيادە كۆيۈنۈشى سەۋەب بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن بىزار بولماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقى. ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقىدىكى سەۋەب مەززىسى يوق، مەنىسىز بىلىنگەنلىكى! ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشى، بەك چوڭ ئارزۇ – ئۈمىدلەرنى يۈكلىشى يۇقىرىقى ھادىسىلەرنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر. بالىلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى، ئېينىشتىيىندەك ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ چىقىشى شەرت ئەمەس.
بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش ئەمەلىيەتتە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر، خالاس! شۇڭا چوقۇم مەلۇم بوشلۇق قالدۇرۇشىمىز كېرەك، ئۇلار شۇ بوشلۇقتا ئەركىن – ئازادە چوڭ بولسۇن

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号