بالىلاردىكى باش بارمىقىنى شۈمۈش ھادىسىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6132:ئادەم ئۆگەندى
باش بارمىقىنى شۈمۈش ھادىسىسى نورمال ئەھۋالمۇ؟
    بوۋاق ۋە يېشى كىچىكرەك بالىلارنىڭ باش بارمىقىنى شۈمۈش ھادىسىسى نورمال ئەھۋال. كۆپ قىسىم بوۋاقلار، يېشى كىچىرەك كەلگەن بالىلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ بارماقلىرىنى، ئالقىنىنى ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنى (قۇرۇق ئىمىزگە دىگەندەك) شۈمىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى، ئۈچ ياشتىن باشلاپ ئالتە ياشقىچە بولغان مەزگىللەردە، تەدرىجى ھالدا باش بارمىقىنى شۈمۈشتىن توختايدۇ.
نىمە ئۈچۈن باش بارمىقىنى شۈمىدۇ
    شۈمۈش بولسا، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان فىزولوگىيىلىك ئىھتىياجى بولۇپ، بۇ خىل ئىھتىياج ئادەتتە بوۋاقلار 6ئايلىققا توشقاندىن كىيىن تەدرىجى كېمىيىشكە باشلايدۇ. بىراق، يەنىلا نۇرغۇن بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولغاندىن كىيىنمۇ باش بارمىقىنى شۈمۈشنى توختاتمايدىغان بولۇپ، بۇنى ئۆزىگە تەسەللى بىرىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى قىلىۋالىدۇ. بوۋاقلار ئادەتتە، قوسىقى ئاچقان، قورققان، تىرىككەن، جىمىپ قالغان، چارچىغان ياكى زىرىككەن ۋاقىتلاردا، ئۆزىنىڭ باش بارمىقىنى شۈمۈش ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللى بىرىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، بۇنى ئادەت قىلىپ يىتىلدۈرۋالىدۇ.
   ئىنتايىن ئاز قىسىم ئەھۋال ئاستىدا، بالىلار 5ياشتىن ئاشقاندىن كىيىنمۇ يەنە باش بارمىقىنى شۈمۈشنى توختاتمايدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ كەيپىياتىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ياكى جىسمانى روھى جەھەتتىكى مەلۇم بىرەر خىل ئىقتىدارىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
باش بارمىقىنى شۈمۈش قانداق مەسىلىلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟
   ئادەتتە، تۆت ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ باش بارمىقىنى شۈمۈش ھادىسىسى باشقا مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەمما 5-4ياشقا كىرگەندىن كىيىنمۇ يەنە زىيادە تۈردە باش بارمىقىنى شۈمسە، ياكى ئالتە ياشقا كىرگەندىن كىيىنمۇ يەنە باش بارمىقىنى شۈمۈشنى توختاتمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال چىش كىسەللىكلىرى مەسىلىسى ياكى تىل ئىپادىلەش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    ئۇزۇن مەزگىل باش بارمىقىنى شۈمۈش، چىش تۈزۈلۈشىنىڭ رەتسىز قالايمىقان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى چىشىنىڭ سىرتقا قاراپ يانتۇ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلار ناھايىتى تىزلا باش بارمىقىنى شۈمۈشنى توختاتسا، بۇ خىل ئەھۋال ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ كىتىدۇ؛ ئەمما بالىنىڭ باش بارمىقىنى شۈمۈشى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئۇنداقتا غەلىتە شەكىللىنىشنى تۈزەش داۋالىشى ئېلىپ بېرىش لازىم بولۇشى مۇمكىن.
   يۇقارقىلاردىن باشقا، باش بارمىقىنى شۈمۈش يەنە تىل ئىپادىلەش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ مەسىلەن تەلەپپۇزى ئىنىق بولماسلىق، ت بىلەن د ھەرىپىنى ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىپ قويۇش، سۆزلىگەندە ئاسانلا تىلىنى چىشلەپ بىرىش قاتارلىق.
قانداق ئەھۋال ئاستىدا، بالىلاردىكى باش بارمىقىنى شۈمۈش ھادىسىسىنى داۋالاش كىرەك بولىدۇ؟
   كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ ئۇقۇش يېشىدىن ئىلگىرى ياكى تېخىمۇ بۇرۇنقى ياش مەزگىلىدىكى باش بارمىقىنى شۈمۈش ھادىسىسىگە داۋالاش ئارقىلىق ئارىلىشىش كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم بولىدۇ:
   1. بالا تۆت ياشقا كىرىپ قالغاندىن كىيىنمۇ، باش بارمىقىنى ھەددىدىن ئارتۇق توختىماي شۈمسە؛
   2. بالا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم ئىزدەپ، باش بارمىقىنى شۈمۈش ئادىتىنى توختاتماقچى بولسا؛
   3.  باش بارمىقىنى شۈمۈش ھادىىسىسى، بالىدا چىش مەسىلىسى ياكى تىل ئىپادىلەش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان بولسا؛
   4. بالا، باش بارمىقىنى ئىمىش قىلمىشىدىن خىجىللىق ھىس قىلىپ قالغان بولسا ياكى بارمىقىنى شۈمۈش سەۋەپلىك باشقىلارنىڭ مەسىخىرىسىگە ۋە ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىغان بولسا.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号