بالىلار ساغلاملىقى ۋە مىكرو ئىلمىنتلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7437:قېتىم كورۇلدى
مىكرو ئىلمىنىت دىگەن نىمە؟
    مىكرو ئىلمىنىت بولسا، ئادەم بەدىنى ئومۇمى ئېغىرلىقىدا ئىگەللەيدىغان نىسبىتى ئونمىڭدىن بىردىن تۆۋەن بولغان ئىلمىنتلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان مىكرو ئىلمىنتلار دىگەن نىمە؟
    ئادەمنىڭ فىزىلوگىيىلىك ئىقتىدارلىرىنى قامداش ئۈچۈن زۈرۈر بولغان ئىلمىنتلارنى كۆرسىتىدۇ؛ مەسىلەن، تۆمۈر، مىس، سىنىك، كالتسىي....
    مىكرو ئىلمىنتلار، گەرچە ئادەم بەدىنىدە ئىگەللەيدىغان نسىبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىدە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن مىكرو ئىلمىنتلار بەدەندە كەمچىل بولسا بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ، بالىلار ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، يىمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، دورىلىق داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بەدەنگە مىكرو ئىلمىنتلارنى قوبۇل قىلىشقا تېخىمۇ بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەستىن چىقارماسلىققا تىگىشلىك بولغىنى، بەزىبىر ئېغىر مىتال ئىلمىنتلىرى، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق كىلىدۇ.
بەدەندە مىكرو ئىلمىنتلار كەمچىل ياكى مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە پەيدا قىلىدىغان كىسەللىك ئالامەتلىرى
    تۆمۈر(): بەدەندە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، قان ئازلىق كسىلىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئەمما بەدەندىكى مىقدارى ئېشىپ كەتسە، قان رەڭ ماددىسى چۈكۈپ يېغىلىپ قېلىش كىسەللىكى پەيدا قىلىش، گېننىڭ ئوكسىدلىنىش رولىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
    خروم(): بەدەندە خروم ماددىسى كەمچىل بولسا، دىئابىت كىسەللىكى ۋە ئارتىريە قېتىشىش كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر بەدەندىكى مىقدارى ئېشىپ كەتسە، ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    مىس(): بەدەندە مىس ماددىسى كەمچىل بولسا، قان ئازلىق كسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بەدەندىكى مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، نىرۋىسى بىنورماللىشىدۇ ۋە ھەرىكەتلىرى تەۋرىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   سىنىك(): بەدەندە سىنىك ماددىسى كەمچىل بولسا، ئۆسۈش توختاپ قالىدۇ، پىسخىكىلىق توسۇق خارەكتىرىدىكى پىشىپ يىتىلىش كۆرۈلىدۇ، ئىممونت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ؛ بەدەندىكى مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە بولسا، ئاشقازان راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    نىكېل(): بەدەندە نىكېل ماددىسى كەمچىل بولسا، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە قىزىل قان ئاقسىلى كېمىيىپ كىتىدۇ؛ بەدەندىكى مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە بولسا، ئۆپكە راكى ۋە بۇرۇن كاۋىكى راكىنى پەيدا قىلىدۇ.
    كوبالت(): بەدەندە كوبالت ماددىسى كەمچىل بولسا، يامان خارەكتىرلىك قان ئازلىق كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر بەدەندىكى مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، قىزىل قان دانىچىلىرى ئېشىپ كىتىش كىسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
   مانگان(): بەدەندە مانگان ماددىسى كەمچىل بولسا، سۆڭەكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىش ۋە بوغۇملار ئاجىز بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر بەدەندىكى مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ھەرىكىتى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش ۋە تىتىرىمە خارەكتىرىدىكى پالەچلىك كىسىلى پەيدا قىلىدۇ.
    ماگنىي(): بەدەندە ماگنىي كەمچىل بولسا، سىپازمىلىنىش كىسىلىنى (تارتىشىپ قالىدىغان كىسەل) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر بەدەندىكى مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، پۇت-قولى تولا سىقىراپ، سىزىمىنى يوقىتىدىغان ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
   كالتسىي(): بەدەندە كالتسىي كەمچىل بولسا، سۆڭەكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر بەدەندىكى مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۆتكە تاش چۈشۈش، كۆزگە ئاق چۈشۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە يۈرەكتىكى قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    مىكرو ئىلمىنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە نىسبەتەن، ھەرخىل پاسسىپ ۋە زىيانلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ بالىلاردىكى مىكرو ئىلمىنت كەمچىللىكنى دەسلەپكى مەزگىلىدە بايقىۋىلىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشتىن باشقا، تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولغان ئۇسۇل، ھەرخىل چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ، بالىلاردا مىكرو ئىلمىنتلار كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىش، بالىلاردا مىكرو ئىلمىنت كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى قەدەم؛ كىيىنچە، ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يىمەكلىكىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىكرو ئىلمىنتلارنى قوبۇل قىلىشغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىلار يىمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا ۋە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.
    ئەگەر ئاتا-ئانىلاردا ھەرقانداق گۇمان ياكى كاللسىدىن ئۆتمىگەن مەسىلىلەر بولسا، بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئىرىنمەستىن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىشى لازىم.

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号