مايۈننىڭ مۇلازىمەتچىسىز ئاشخانىسى تىجارەت باشلىدى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 415121:ئادەم ئۆگەندى

مايۈن مۇلازىمەتچىسىز تاماقخانىدا

ئالدىنقى مەزگىللەردە، مايۈننىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان مۇلازىمەتچىسىز تاللا بازىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىمىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەممىمىز شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ تېز ھەم قولايلىق بولۇۋاتقانلىقىدىن خوشال بولۇش بىلەن بىرگە، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولغانىدۇق!!

مانا بۈگۈن مايۈننىڭ يەنە بىر يېڭىللىقنى تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە مۇلازىمەتچىسىز تېز تاماقخانىنىڭ تەپسىلاتىغا بىرلىكتە قىزىقۋاتىمىز!!

مۇلازىمەتچىسىز تاماقخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى:

ئۆچرەت تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق

 ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق

پۇل تۆلەش شۇنچىلىك قولايلىق، (ئۈندىداردا ياكى ئالىپەيدە پۇل تۆلەش ئومۇملاشقان)

تېز تاماقخانىدا، مۇلازىمەتچىمۇ يوق، پۇل يىققۇچىمۇ، ھەميانىڭىزمۇ بولمىغاندا يەنىلا ئەڭ تېز سۈرئەتتە پۇل تۆلەپ، تاماقنى يەپ بولۇپلا كەتسىڭىز بولىدۇ، ھېچقانداق ئاۋارىچىلىقى يوق.

سىزيەنە بويرۇتقان تاماقنى مۇلازىمەتچى بولمىسا قانداق ئالغىلى بولىدۇ دەپ ماڭا ئوخشاش ئويلاۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن؟؟

قاراڭ، شۇنچىلىك قولايلىقمۇ قانداق؟

خاڭجۇدا، مايۈننىڭ مۇلازىمەتچىسىز تېز تاماقخانىسى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، ئۈندىداردا ئالىپەيدە پۇل تۆلەش ئارقىلىقلا تېز تاماقخانىدا ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاماق يىيىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، مۇلازىمەتچىسىز تېز تاماقخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مايۈن ئۆزىمۇ خۇددى ئېستىمالچىلاردەك ئۆزى قولى بىلەن سىناق قىلىپ، تېز ھەم قولايلىق يارىتىلغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى بولدى.

مۇلازىمەتچىسىز تاللا بازىرى، مۇلازىمەتچىىسز تېز تاماقخانىسىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى ئېستىمالچىلارنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

 

ھەممىمىز ئويلاپ باقمىغان يېڭىلىقلار، تەرەققىياتلار بىرىگە-بىرى ئۇلىنىپ، ھەممىمىزنى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا كەلتۈرمەكتە!!

نەق مەيداندىكى مۇلازىمەتچىسىز تېز تاماقخانا ئېستىمالچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئۇنداقتا، بۈگۈن مەن بىلەن بىرلىكتە مۇلازىمەتچىسىز تاماقخانىدىن تاماق سېتىۋېلىپ يەپ باقامدۇق؟؟

1.ئ‍اۋۋال تاماقخانىغا كىرىمىز، ئاندىن  ئالىپەيدە سىككاننېرلاپ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى مۇقىملاشتۇرىمىز، ئاندىن سېستىما سىزنى ئېسىدە ساقلىۋالىدۇ، بۇندىن كېيىن تېلفونىڭىز يېنىڭىزدا يوق بولسىمۇ، يەنىلا تاماق سېتىۋالالايسىز!

2.ئورۇن تاللاپ ئولتۇرىسىز، تاماق ئۈستىلىدە، چوڭ ئېكرانلىق كۆرسەتكۈچ نامايەن بولۇپ، ئېستىمالچى ئورۇن تاللاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، سېستىما ئ‍ۆزلىكىدىن سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى تۇنۇيدۇ، ئاندىن سىز ئېكران يۈزىدە قولىڭىز بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بارىسىز!

3.تاماق تىزىملىكىدىن تاماق تاللاپ بويرۇتسىڭىزلا بولىدۇ.ئېكراندىكى ھەرخىل تاماق تۈرلىرىدىن تاللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماق تۈرلىرىن تاللىسىڭىز بولىدۇ. يەنە تېخى سېستىما سىزنىڭ ھەرقېىتملىق تاماق بويرۇتقان تىزىمكلىكىڭىزنى ئاپتوماتىك ساقلىۋالىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ ياقتۇرىدىغان تاماق يىيىش ئالاھىدىلىكىڭىز بويىچە تاماق تىزىملىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

يەنە تېخى تاماق يىيىش جەريانىدا، زېرىكسىڭىز، ئېكران يۈزىدىن ئېلىكتىرونلۇق ئ‍ۇيۇننى تاللاپ ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

4. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، پۇل تۆلەپ بولۇپ ماڭسىڭىزلا بولىدۇ، ماڭغاندا، ئالىپەي ئۆزلىكىدىن پۇلنى ھېسابلاپ،سىزگە ئاپتوماتىك پۇل يىققۇچىنىڭ ئورنىدا قولايلىق ھالدا ئەڭ تېز سۈرئەتتە پۇل تۆلەش ئېلىپ بارىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز مۇلازىمەتچى خادىمنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولسىڭىز، «مۇلازىمەتچى» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

سىزنىڭ مۇلازىمەتچى خادىمغا، تېلفونىڭىزغا، دەپتەرلىك تاماق تىزىملىكىڭىزگە قاراپ ئاۋارە بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

مانا يۇقارقىدەكلا ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاماق تاللاش، تاماق يېيىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز!

✦✦✦✦✦✦✦

تېزسۈرئەتلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە تەرەققىيات جەريانىدا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى «تېزھەم قولايلىق »نى قوغلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مايۈننىڭ كەينى-كەينىدىن مۇلازىمەتچىسىز تاللا بازىرى، مۇلازىمەتچىسىز تاماقخانا قاتارلىق يېڭىلىڭلارنى تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كېلىشى ھەقىقەتەن ھەممىمىز بىرلىكتە پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك، قارشى ئېلىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك يېڭىلىق ۋە خوشخەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

بۇخىل قولايلىقلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قولايلىق ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، يەنە مەيلى تاللا بازىرى بولسۇن ياكى تاماقخانىلارنىڭ بولسۇن، خوجايىنلارنىڭ سودىدىكى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تېجەشلىك بولۇش ھەم قولايلىق، تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى ئېلىپ كەلدى!!

بىزھەممىمىز يېڭىلىققا ئىنتىلىمىز، ھەرقانداق ۋاقىتتا قولايلىق ھەم تېز بولۇشنى تاللايمىز، مۇشۇ خىل يېڭىچە بولغان تەرەققىياتلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ يېڭى مەنالارغا ئېرىشتۈرگۈسى. 

✦✦✦✦✦✦✦

ھەي راست، مايۈندىكى يەنە بىر يېڭىلىقپات ئارىدا بىز بىلەن ئۇچراشتۇرماقچى:

ئۇ بولسىمۇ، ماشىنىسى بار دوستلارغا قولايلىق بولغان مۇلازىمەتچىسىز ماي جىقلاش ئورنى، بۇنداق بولغاندا، يەنىلا ئۆچرەت تۇرۇشنىڭ، بىرمۇنچە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.ئەگەر مايۈننىڭ مۇشۇ خىل يېڭىلىقلارنى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن پەخىرلىنىش، خوشاللىق تۇيغۇسىدا بولغان بولسىڭىز، بۇ تېمىنى باشقا دوستلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە بەھىرلىنىڭ!!

كۇندە يېڭى تەم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز داۋاملىق Axpaz ئۈندىدار سۇپىمىزغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ

 

دوستانە ئەسكەرتىش:

Axpaz  ئۈندىدار سۇپىمىزدا تارقىتىلىۋاتقان كۈندىلىك مەزمۇنلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ ئۇزاق مەزگىل بىزنى قوللىغان دوستلارنى تاللاپ مۇكاپاتلايمىز، شۇڭلاشقا مەزمۇننى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئوقۇپ بولۇپلا تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ، سىزنىڭ قوللىىشىڭىز بىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى تەييارلىشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك!!!!


 

مەسئۇليەت دىگەن نىمە...........

مەسئۇليەت - ئۇ بىر بۇرۇچ ! مەسئۇليەت - ئۇ بىر ئىززەت ! مەسئۇلىيەت – ئۇ بىر غايىۋى كۈچ ! مەسئۇلىيەت دىمەك ، مۇۋەپپىقيەت دىمەكتۇر !…

ئاشپەزلەرئايەمدە ئارام ئالدىمۇ«ئا»ھەرىپىدىن باشلانغان سوز ئۇيۇنى

ئادىمىساقتىن ئادەمىزاتقىچەئاتالمىش ئاشپەزلەر ئارامىڭلارنى ئالدىم.

كاڭشىفۇ شىركىتى بىر كۈندە قانچىلىك كالا گۆشى ئىشلىتىدۇ؟

ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر كاڭشىفۇنىڭ كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپىنى يەپ باققان. بۇ تەييار چۆپنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، تەمىمۇ كۆپ خىللاش

ئاشپەزلىك بايرىمى يىلنامىسى

ئاشپەزلىك بايرىمى يىلنامىسى

ئاشپەزلەر بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

1. ئاشخانا ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئىشتىن چۈشكەندە يوقلىما قىلىش، باشقىلارنىڭ ئورنىدا يوقلىمىدىن ئۆتۈش قاتتىق مەنىي قىلىنىدۇ. 2. خىز

مايۈننىڭ مۇلازىمەتچىسىز ئاشخانىسى تىجارەت باشلىدى

مايۈن مۇلازىمەتچىسىز تاماقخانىدا ئالدىنقى مەزگىللەردە، مايۈننىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان مۇلازىمەتچىسىز تاللا بازىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ۋە مۇنا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号