مەسئۇليەت دىگەن نىمە...........
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 42288:ئادەم ئۆگەندى

 

مەسئۇليەت -  ئۇ بىر بۇرۇچ !
مەسئۇليەت - ئۇ بىر ئىززەت !
مەسئۇلىيەت – ئۇ بىر غايىۋى كۈچ !
مەسئۇلىيەت دىمەك ، مۇۋەپپىقيەت دىمەكتۇر !…
ئىنسان ياشايدىكەن ئۇنىڭغا ئائىلىدە، جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەنگەن بۇلىدۇ. مەسئۇليەتچان ئادەم ئەتراپىدىكى ھەر بىر شەيئى،  كەسىپ، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە ھەرقانداق ئىشلارغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتىدۇ. كىچىك ئاددى ئىشلارنىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ، ھاياتتىن زوق ئېلىشنى، تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى، شارائىتقا قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلىدۇ.  مەيلى تۇرمۇش ياكى كەسىپتە بولسۇن ئاكتىپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشى ئاددى بولسىمۇ ھەرۋاقىت خۇشاللىق ھىس قىلالايدۇ، ھەم ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ شادلىق بېغىشلاشنىمۇ بىر مەسئۇليەت دەپ قارايدۇ . ھەرقانداق مەسىللەرنى ئەستايىدىل، مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ھەل قىلالايدۇ . …

مەسئۇليەتسىز كىشىلەر بولسا، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، تەپەككۇر قىلىشنى خالىمايدۇ، مەسىللەرگە يۈزەكى قارار چېقىرىدۇ، قىلۋاتقان ئىشىنىمۇ قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدۇ. ۋاقىت، نۇمۇس قارىشى تۆۋەن بۇلىدۇ ياكى بولمايدۇ. ھەدىسىلا خىزمەتتىن قاقشايدۇ. تۇرمۇشتىن، ھاياتتىن زارلىنىپلا ئۈتىدۇ. باشقىلارغا تاينىۋېلىش پىسخىكىسى يۇقىرى بۇلىدۇ، مىننەتتار بۇلىشىنى بىلمەيدۇ.  ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋىتىشكە رازىكى،  ھەرگىزمۇ ئالغا ئىنتىلەي، باشقىلاردىن ئاز بولسىمۇ پەرىقلىق تۇرمۇش كەچۈرەي دىگەننى ئويلىيالمايدۇ، خۇددى پەقەت يەپ،  ئىچىپ، ئۇخلاش ئۈچۈن يارالغاندەكلا …باشقىلار كەمچىلگىنى كۆرسۈتۈپ بەرسە ياكى، ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە، ئۆزىدىكى سەۋەنلىكلەرنى تۈگۈتۈش تۈگۈل ئەكسىچە قارشى تەرەپتىن ئاغرىنىدۇ. سەمىمى نەسىھەتلەر كار قىلمايدۇ، نەسىھەت قىلغان كىشلەرگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ ……
چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى مەسئۇليەتچانلىق بىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىمىزنى تۈۋەن سېلىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ .
مەسئۇليەتچانلىق ، يۈزىمىزنى يورۇق قىلىدۇ .
مەسئۇليەتچانلىق بىزنى يۈكسەك ئىشەنىچكە ئىگە قىلىدۇ .
مەسئۇليەتچانلىق بىزنى شاد -خۇرام، ھەم خاتىرجەم قىلىدۇ .
ھالبۇكى مەسئۇليەتسىزلىك بولسا  بىزنى بوشاڭ، ھاماقەت، كارغا كەلمەس قىلىپ قويىدۇ .
مەسئۇليەتسىزلىك بىزنى خۇشاللىقتىن، بەخىتتىن مەھرۇم قىلدۇ .
مەسئۇليەتسىزلىك بىزنى جاھالەتكە يۈزلەندۈردۇ .
شۇڭا پەقەت ئۆزىمىزدىلا ئەمەس پەرزەنىتىللىرىمىزدىمۇ كىچىكىدىن باشلاپلا مەسئۇليەتچانلىق ئېڭى يىتىلدۈرەيلى. مەسئۇليەتنىڭ ئەھمىيتىنى ۋە ئۇنىڭ غايىۋى كۈچ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرايلى. مەسئۇليەتچانلىق بولغاندىلا ئائىلە گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ھەرمىللەت خەلىقى مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق، ئىجىل  ئۆتكەندىلا ئاندىن  تىنىچ، خاتىرجەم، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بۇلىدۇ ھەم  زور مۇۋەپپىقيەتلەرگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ 

 

مەسئۇليەت دىگەن نىمە...........

مەسئۇليەت - ئۇ بىر بۇرۇچ ! مەسئۇليەت - ئۇ بىر ئىززەت ! مەسئۇلىيەت – ئۇ بىر غايىۋى كۈچ ! مەسئۇلىيەت دىمەك ، مۇۋەپپىقيەت دىمەكتۇر !…

ئاشپەزلەرئايەمدە ئارام ئالدىمۇ«ئا»ھەرىپىدىن باشلانغان سوز ئۇيۇنى

ئادىمىساقتىن ئادەمىزاتقىچەئاتالمىش ئاشپەزلەر ئارامىڭلارنى ئالدىم.

كاڭشىفۇ شىركىتى بىر كۈندە قانچىلىك كالا گۆشى ئىشلىتىدۇ؟

ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر كاڭشىفۇنىڭ كالا گۆشى تەملىك تەييار چۆپىنى يەپ باققان. بۇ تەييار چۆپنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، تەمىمۇ كۆپ خىللاش

ئاشپەزلىك بايرىمى يىلنامىسى

ئاشپەزلىك بايرىمى يىلنامىسى

ئاشپەزلەر بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

1. ئاشخانا ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئىشتىن چۈشكەندە يوقلىما قىلىش، باشقىلارنىڭ ئورنىدا يوقلىمىدىن ئۆتۈش قاتتىق مەنىي قىلىنىدۇ. 2. خىز

مايۈننىڭ مۇلازىمەتچىسىز ئاشخانىسى تىجارەت باشلىدى

مايۈن مۇلازىمەتچىسىز تاماقخانىدا ئالدىنقى مەزگىللەردە، مايۈننىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان مۇلازىمەتچىسىز تاللا بازىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ۋە مۇنا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号