
يېڭى ساقلاش سۇلياۋ پەردىسىدىن تولۇق پايدىلىنىڭ. تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى قىزىتماقچى بولغاندا، يېڭى ساقلاش سۇلياۋسىدىن ئەپچىل پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزىتماقچى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ئوراڭ. بۇنداق قىلغاندا يېمەكلىك تەركىبىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، يېمەكلىكنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، تاماق قىزىتىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، توك تېجەش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.
توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىشتىن بۇرۇن ئېرىتىۋېلىڭ. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى قوزغىتىش ۋە توختىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىسسىتماقچى بولغان يېمەكلىكنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ساندۇقىدىن سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا يۆتكەپ، ئاستا – ئاستا ئېرىتىۋېلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق.
نىسبەتەن قۇرغاق يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت تەكشى سۇ پۈركەڭ، بۇنداق قىلغاندا ئىسسىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، توك سەرپىياتىنى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
بىر قېتىمدا ئىسسىتماقچى بولغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ئەڭ ياخشىسى 500 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ناۋادا ئىسسىتىىدىغان يېمەكلىك كۆپ بولسا توغرا كەلسە، بىرنەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئىسسىتىش لازىم. ئارىلىقتا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى دەم ئالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئامال بار «كۈچلۈك ئوت» تا ئىسسىتىڭ.
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قوزغىتىلغان چاغدا توك كۆپ كېتىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتىش داۋامىدا ۋاقىتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئوچاقنى قوزغاش ۋە توختىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدىلا مەقسەتكە يېتىش كېرەك.

بامبۇك چوكا، ياغاچ چوكا، داتلاشماس پولات چوكا، سۇلياۋ چوكا... شۇنچە كۆپ چوكىلارنىڭ ئىچىدە، زادى قايسىسى ئەڭ ياخشى؟
ئەگەر مەززىلىك تائام تەييارلايمەن دىسەك، قازان كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر بازاردا قازان سېتىۋىلىش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، تاللا بازارل
دائىم تاماق ئىتىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئاشخانا ئۇنىڭ ئۇسۇل سەھنىسى ۋە جەڭ مەيدانى؛ ھەر خىل خام يىمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق، نا
قورسىقىغا ئامراق ياكى داۋاملىق تاماق ئىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، قىزىقارلىق كەلگەن ئاشخانا سايمانلىرى ياكى قاچا-قۇ
تاماق تەييارلاش ۋە يىيىشتە ھەرخىل قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلاردىن ئايرىلالمايمىز؛ ئەگەر ئىشلەتكەن ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ تا
بەزىلەر مودا قوغلىشىدۇ، بەزىلەر كىلاسسىكلىققا ئىنتىلىدۇ؛ بەزىلەر ئۆزگىچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر سۈپەتنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما كۆ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号