مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە...
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 412965:ئادەم ئۆگەندى

 

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش جەريانىدا بەزى كۈتۈلمىگەن خېيىم – خەتەرلەر يۈز بېرىشى، ھەتتا يېمەكلىكلەردە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

 1. ئورالما يېمەكلىكلەرنى سۇلياۋ قاچىسى بىلەنلا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى قىزدۇرۇش جەريانىدا سۇلياۋ قاچىلار زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا راك پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېتال قاچىلارنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ مەخسۇس قاچىسىدا قىزدۇرۇش ھەم قىزدۇرۇش جەريانىدا قاچىنىڭ ئاغزىنى بەك ھىم يېپىۋەتمەسلىك كېرەك.
 2. كىشىلەر بەزىدە يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ ئېرىتكەندە ياكى قىزدۇرغاندا، ئۇنتۇپ قېلىپ بىرنەچچە سائەت تۇرغۇزۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇنتۇپ قالغان ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكنى تاشلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 3. گۆش تۈرىدىكى يېرىم پىششىق يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ پىشۇرغاندا، تولۇق پىشۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ، ئەمما يېمەكلىكلەر يېرىم پىششىق ھالەتتە باكتېرىيەلەر داۋاملىق كۆپىيىۋېرىدىغان بولغاچقا، قايتا پىشۇرۇش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا، باكتېرىيەنى تولۇق يوقاتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئاۋۋال مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئېرىتىش، ئاندىن قىزدۇرۇپ پىشۇرۇش كېرەك.
 4. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياغلارنى پارلاندۇرۇپ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا ئوت كەتسە، ھەرگىز ئاغزىنى ئاچماسلىق، چوقۇم ئالدى بىلەن توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش، ئوت ئۆچكەندىن كېيىن ئاغزىنى ئېچىش كېرەك. پوستى بار يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا پارتلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پوستىنى تېشىپ قويۇش كېرەك.
 5. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق رادىياتسىيە پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى ياتاق ئۆيگە قويماسلىق، تېلېۋىزور ۋە رادىيولاردىن يىراقراق قويۇش كېرەك، بولمىسا تېلېۋىزور ۋە رادىيولارنىڭ سۈرەت ياكى ئاۋاز ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇش، ئاغزىنى ئاچقاندا ئۇنىڭدىن بىرەر مېتىر ئارىلىق ساقلاش، كۆز بىلەن بىۋاسىتە قارىماسلىق كېرەك. بولمىسا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. 

بامبۇك چوكا، داتلاشماس پولات چوكا... قايسى خىل چوكا ئەڭ ياخشى؟

بامبۇك چوكا، ياغاچ چوكا، داتلاشماس پولات چوكا، سۇلياۋ چوكا... شۇنچە كۆپ چوكىلارنىڭ ئىچىدە، زادى قايسىسى ئەڭ ياخشى؟

قازان ھەققىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ئاڭلىغانمۇسىز؟

ئەگەر مەززىلىك تائام تەييارلايمەن دىسەك، قازان كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر بازاردا قازان سېتىۋىلىش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، تاللا بازارل

ياخشى ئاشخانا سايمانلىرى، بەختىلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمى

دائىم تاماق ئىتىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئاشخانا ئۇنىڭ ئۇسۇل سەھنىسى ۋە جەڭ مەيدانى؛ ھەر خىل خام يىمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق، نا

ئەمەلى قوللىنشچانلىقى ئاساس قىلىنغان قىزىقارلىق ئاشخانا سايمانلىرى

قورسىقىغا ئامراق ياكى داۋاملىق تاماق ئىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، قىزىقارلىق كەلگەن ئاشخانا سايمانلىرى ياكى قاچا-قۇ

قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلارنى توغرا ئوسۇلدا يۇيماسلىق زەھەر يىگەنگە ئوخشاش!

تاماق تەييارلاش ۋە يىيىشتە ھەرخىل قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلاردىن ئايرىلالمايمىز؛ ئەگەر ئىشلەتكەن ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ تا

نەپىس قاچا-قۇچىلاردىن ھۇزۇرلىنىڭ!

بەزىلەر مودا قوغلىشىدۇ، بەزىلەر كىلاسسىكلىققا ئىنتىلىدۇ؛ بەزىلەر ئۆزگىچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر سۈپەتنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما كۆ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号