تاپان بىلىق ئاسىيا-ياۋرۇپا رايونلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان تاتلىق سۇ بىلىقى بولۇپ، گۆشى يۇمران ھەم تەملىك كىلىدۇ؛ تاپان بىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100گىرام تاپان بىلىق گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىل 13 گىرامغا، ياغ ئەڭ كۆپ بولغاندا 11گىرامغا يىتىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 鲫鱼
لاتىنچە ئاتىلىشى: Carassius auratus
تەۋەلىكى: ھايۋاناتلار دۇنياسى—خوردىلىق ھايۋانلار تىپى—سۆڭەكلىك بىلىقلىقلار سىنىپى—گۈگۈسۈنسىمان پالاقچىلىقلار كەنجى سىنىپى—كارپ بىلىقى ئەترىتى—كارپ بىلىقلىرى كەنجى ئەترىتى—كارپ بىلىقى ئائىلىسى—كارپ بىلىقلىرى كەنجى ئائىلىسى—تاپان بىلىقى ئۇرۇقدىشى

ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر گىرام تاپان بىلىق گۆشى تەركىبىدە 108كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 17.1 گىرام ئاقسىل، 2.7 گىرام ياغ، 3.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 130 مىللىگىرام خولىستىرىن، 17 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 0.09 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.04 مىللىگىرام تىئامىن، 2.5 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.68 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 79مىللىگىرام كالتسىي، 193 مىللىگىرام فوسفور، 41.2 مىللىگىرام ناترىي، 290 مىللىگىرام كالىي، 41 مىللىگىرام ماگنىي،1.3 مىللىگىرام تۆمۈر، 1.94 مىللىگىرام سىنىك، 14.31 مىكروگىرام سېلىن، 0.06 مىللىگىرام مانگان، 0.08 مىللىگىرام مىس بار.

ئىستىمال قىممىتى
1. تاپان بىلىق تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى ئەلا، تۈرلىرى تۇلۇق ھەمدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە بەدەنگە سۈمۈرلىدىغان بولۇپ، جىگەر-بۆرەك كىسەللىكلىرى، يۈرەك-مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرى بار بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان ئاقسىل كىلىش مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ. تاپان بىلىقنى ھەمىشە يەپ بەرگەندە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇدىغان بولۇپ، جىگەر ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كىسەللىكى، ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
2. تاپان بىلىقنىڭ ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئىشتىھانى ئېچىش، قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئۆت-ئاشقازان ئاجىز، سۇلۇق ئىششىق، يارا، كاناي ياللۇغى، زىققا، دىئابىت قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتا ئىنتايىن ياخشى بولغان قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ كىسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار؛ ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن تاپان بىلىق شورپىسى ئىچىپ بەرسە، ماغدۇر تۇلۇقلاپ سۈت ھەيدەش رولى بار.
3. تاپان بىلىق شورپا قاينىتىپ ئىچىشكە ئىنتايىن ماس كىلىدىغان بولۇپ، تەمى تەملىك بولۇپلا قالماي، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، كىسەلدىن يىڭى ساقىيىپ كەم ماغدۇر بولۇپ قالغانلار ھەمدە تۇغۇتتىكى ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە ماس كىلىدۇ.
