ئۆردەك تاماق ئۈستىلىدىكى ئالىي دەرىجىلىك يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ قۇۋۋەت تۇلۇقلىشىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يىمەكلىك. ئۆردەك گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى توخۇ گۆشىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ؛ بىراق جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئۆردەك كۆپىنچە سۇدا ئۆسكەن جانلىقلارنى يەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تەبىئى سۇغۇق كىلىدۇ.
ئۇمۇمەن بەدىنىدە ئىسسىق يەل بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆردەك گۆشى يىيىشكە ماس كىلىدىغان بولۇپ، بەدىنى ئاجىز، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغان، چوڭ تەرىتى قۇرۇق كىلىدىغان ۋە سۇلۇق ئىششىق بار كىشلەر ئىستىمال قىلسا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا ئۆردەك گۆشى ھەققىدە يەنە بىر خىل رىۋايەت بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۆردەك گۆشى ئۆپكە تۇبىركۇليۇزنى داۋالاشتىكى "خىسلەتلىك دورا" دىگەن قاراشتۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 鸭肉
چەتئەلچە ئاتىلىشى: duck
تەبىئىتى: سۇغۇق

ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 100گىرام ئۆردەك گۆشى تەركىبىدە 240 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 15.5 گىرام ئاقسىل، 19.7 گىرام ياغ، 1.13 گىرام پانتونتېنىك كىسلاتا، 0.2 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 94 مىللىگىرام خولىستىرىن، 52 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 0.08 مىللىگىرام تىئامىن، 0.22 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 4.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.27 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 6 مىللىگىرام كالتسىي، 122 مىللىگىرام فوسفور، 191 مىللىگىرام كالىي، 69 مىللىگىرام ناترىي، 14 مىللىگىرام ماگنىي، 2.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 1.33 مىللىگىرام سىنىك، 12.25 مىكروگىرام سېلىن، 0.21 مىللىگىرام مىس، 0.06 مىللىگىرام مانگان بار.

ئىستىمال قىممىتى
ئۆردەك گۆشى تەركىبىدىكى B ئائىلىسىدىكى ۋىيتامىنلار ۋە ۋىيتامىن Eنىڭ مىقدارى باشقا گۆش تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، پۇت پۇراش، نىرۋا ياللۇغى ۋە باشقا كۆپ خىل ياللۇغلارغا ئۈنۈملۈك تۈردە قارشى تۇرىدۇ ھەمدە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۆردەك گۆشى تەركىبىدىكى مىقدارى بىرقەدەر مول بولغان نىكوتىنىك كىسلاتا بولسا، ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلغان ئىككى خىل مۇھىم ياردەمچى ئىنىزىمنىڭ تەركىبى قىسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا قارىتا قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
بەدىنى سۇغۇقچان، ئاشقازىنى سۇۋۇپ ئاغىرىغان، ئىچى سۈرۈپ قالغان، بەل ئاغرىقى ۋە سۇغۇقتىن بولغان ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش، سېمىزلىك، ئارتىرىيە قېتىشىش، ئاستا خارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەر ياكى ئالامەتلەر بار بولغان كىشىلەر ئۆردەك گۆشىنى ئاز ئىستىمال قىلىشى ياكى ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك؛ زۇكام بولۇپ قالغان بىمارلار ئۆردەك گۆشى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.