راك، سۇدا ياشايدىغان بىر خىل بوغۇم تەنلىك قاسراقلىقلار تۈرىدىكى ھايۋانات بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ؛ راكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دۈملەش، داغلاش قاتارلىق تەييارلاش ئۇسۇللىرى بار؛ بۇلاردىن باشقا يەنە جۇڭگۇ تىبابىتى دورا ماتىرياللىرى قاتارلىقلار ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 虾
تەۋەلىكى : ھايۋاناتلار دۇنياسى—بوغۇم تەنلىك ھايۋاناتلار تىپى-قاسراقلىق ھايۋاناتلار سىنىپى—ئون ئاياغلىقلار ئەترىتى
تارقالغان رايونلىرى: دېڭىز، ئىسسىق بەلباغ دېڭىز ئوكيانلىرى

ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 100گىرام راك تەركىبىدە، 78.1 گىرام سۇ، 87 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 16.4 گىرام ئاقسىل، 2.4 گىرام ياغ، 240 مىللىگىرام خولىستىرىن، 3.9 گىرام كۈل ماددىسى، 48 مىللىگىرام ۋىيتامىن A، 48 مىللىگىرام رېتىنول، 0.04 مىكروگىرام تىئامىن، 0.03 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 5.33 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 325 مىللىگىرام كالتسىي، 186 مىللىگىرام فوسفور، 329 مىللىگىرام كالىي، 133.8 مىللىگىرام ناترىي، 60 مىللىگىرام ماگنىي، 4 مىللىگىرام تۆمۈر، 2.24 مىللىگىرام سىنىك، 29.65 مىكروگىرام سېلىن، 0.64 مىللىگىرام مىس، 0.27 مىللىگىرام مانگان قاتارلىقلار بار.

ئىستىمال قىممىتى
راكنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆشى يۇمران كىلىدۇ ھەم ئاسان ھەزىم بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، راك بەدەن سۈپىتى ئاجىز ۋە كىسەلدىن كىيىن كۈتۈنۈشكە ئىھتىياجلىق بولغان كىشىلەرگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يىمەكلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
راك تەركىبىدە ماگنىي ماددىسى ناھايىتى مول؛ ماگنىينىڭ يۈرەك ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم تەڭشەش رولى بار بولۇپ، يۈرەك قان تۇمۇر سېستىمىلىرىنى ناھايىتى ياخشى ھالدا قوغدايدۇ؛ ئۇ قاندىكى خولسىتىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە تاجىسىمان ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدا ئۆلۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
راكنىڭ سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بىرقەدەر كۈچلۈك ھەمدە تەركىبىدە فوسفور، كالتسىي قاتارلىق ماددىلار مول بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بالىلارغا ۋە ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن بولغان قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
راك بىلەن كاۋىنى، راك بىلەن مىۋە شەربىتىنى بىرگە ئسىتىمال قىلسا، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قۇرۇتۇلغان راك بىلەن سېرىق پۇرچاقنى بىرگە ئىستىمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
قۇرۇتۇلغان راك بىلەن چىلاننى بىرگە ئىستىمال قىلغاندا، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
