سازان بىلىق كارپ بىلىقى ئائىلىسى ئىچىدىكى نىسبەتەن كۈچلۈكرەك بولغان قوڭۇر رەڭلىك بىلىق بولۇپ، ئۇ يەنە كارپ بىلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپ ئاسىيا قىتئەسىدە پەيدا بولغان ھەمدە كىيىنچە ياۋرۇپا، شىمالى ئامىرىكا قىتئەلىرى ۋە باشقا رايونلارغا تارقالغان.
سازان بىلىقنىڭ قاسرىقى چوڭ، ئۈستى تۇمۇشقىنىڭ ئىككى بۇرجىكىدە ئىككى تال مويى بار؛ سازان بىلەن ئادەتتە ئادەتتە يالغۇز ياكى كىچىك توپ بولۇپ، تىنچ كەلگەن ھەمدە ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن كۆل-دەريالاردا ياشايدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 鲤鱼
لاتىنچە ئاتىلىشى: Cyprinus carpio
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: carp
تەۋەلىكى: ھايۋاناتلار دۇنياسى—خوردىلىق ھايۋانلار تىپى—ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى—سۆڭەكلىك بىلىقلار سىنىپى—گۈگۈسۈنسىمان پالاقچىلىقلار كەنجى سىنىپى—كارپ بىلىقى ئەترىتى—كارپ بىلىقلىرى كەنجى ئەترىتى—كارپ بىلىقى ئائىلىسى—كارپ بىلىقى كەنجى ئائىلىسى—كارپ بىلىقى ئۇرۇقدىشى

ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 100 گىرام سازان بىلىق گۆشى تەركىبىدە 17.6 گىرام ئاقسىل، 4.1 گىرام ياغ، 25 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 0.09 گىرام رىبوفلاۋىن، 2.7 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 1.27 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 334 مىللىگىرام كالىي، 33 مىللىگىرام ماگنىي، 2.08 مىللىگىرام سىنىك، 15.38 مىللىگىرام سېلىن بار؛ بۇندىن باشقا سازان بىلىق گۆشى تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتا تۈرى تۇپتۇلۇق.

ئىستىمال قىممىتى
سازان بىلىق گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ سۈپىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %96گە يىتىدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالارنىڭ ھەممىنى تەمىنلەپ بىرەلەيدۇ.
سازان بىلىق گۆشىنىڭ ياغ تەركىبلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتا تۈرلىرى بولۇپ، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش، ئارتىرىيە قېتىشىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.
ئىستىمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
سازان بىلىقنى يىشىل پۇرچاق، قوي-كالا مېيى، توخۇ گۆشى، كاۋا، تارو(芋头)، ئۇزبەر(荆芥)، چۈچۈكبۇيا ۋە جۇڭگۇچە تىبابەت دورىلى ئىچىدىكى قىزىل سىر(朱砂) بىلەن بىرگە ئسىتىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
سازان بىلىق گۆشى تۇزلۇق سەي (咸菜) بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش يولىدا راك ئۆسمىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.