بۇغداي ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تېرىپ ئۆستۈرگەن ئاشلىق زىرائىتىدۇر. قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش ئويمىلىرىدا بۇغداي تېرىپ ئۆستۈرۈش خاتىرىلەنگەن. كىشىلەر قەدىمكى مىسىر پىرامىدا (ئېھرام) سىنىڭ تاش يوچۇقلىرىدىن بۇغداي دانلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئارخېئولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا غار-ئۆڭكۈرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ياۋا بۇغداينى يېمەكلىك قىلىشقا باشلىغانىكەن.
بۇغداي تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشاقلىقلار ئائىلىسىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە، يەنى يوپۇرماق تومۇرلىرى پاراللېل، غولى كاۋاك ھەم بوغۇملۇق، باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ھەربىر كىچىك گۈلدە گۈل تاجى ياپراقچىسى بولمايدۇ، ئەمما قاسىراقچىسى بولىدۇ. بۇغداي ۋە شالغا ئوخشاش گۈلىدە مانا مۇشۇنداق قاسىراقچىسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاسىراق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇغداينىڭ قاسىراقچىسىدا قىلتىرىقى بولۇپ، بۇ بۇغداي سورتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تېرىش ۋە ھوسۇلىنى يىغىش پەسىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئېلىمىزدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان بۇغدايلار ئىككى خىل فىزىئولوگىيىلىك تىپقا بۆلۈنىدۇ: بىرى، قىشلايدىغان كۈزلۈك بۇغداي؛ يەنە بىرى، بىر يىللىق يازلىق بۇغدايدىن ئىبارەت. كۈزلۈك بۇغداي ئادەتتە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدا 9-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا تېرىلىپ، ئىككىنچى يىلى 4-ۋە 5-ئايلاردا يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئاساسەن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى بىلەن شىمالىي جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرىغا كۆپرەك تارقالغان. يازلىق بۇغداي ئادەتتە 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى تېرىلىپ، شۇ يىلى يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋېگېتاتىۋ ئۆسۈش دەۋرى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى بىرقەدەر سوغۇق رايونلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ
پۈتۈن يەر شارىدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئىچىدىكى ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەھسۇلات مىقدارىمۇ شالنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدىن قېلىشمايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى 3 /1 قىسىم ئاھالە بۇغداينى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ.

قارا گۈرۈچ—قارا شالدىن ئايرىپ ئېلىنغان مەھسۇلات بولۇپ، يۇمىلاق گۈرۈچكە ياكى سوقىچاق گۈرۈچكە تەۋە. قارا گۈرۈچ، باشاقلىقلار ئائىلىسىگە ت
سۇلۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، " ئۆسۈملۈكلەر قامۇسىدا" قۇچقاچ بوغدىيى ، ياۋا بوغداي دەپ ئاتىلىدۇ.
نومى گۈرۈچى نومى شېلىنىڭ سىرت قېپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىنكى گۈرۈچ بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى رايونلىرىدا نومى گۈرۈچى دەپ ئاتىلىدۇ، شىم
دادۇر—ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سېرىق پۇرچاق دىيىلىدۇ؛ ئۇ پۇرچاق ئائىلىسى دادۇر ئۇرۇقدىشىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، 90-30سانتىم
بۇغداي ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تېرىپ ئۆستۈرگەن ئاشلىق زىرائىتىدۇر. قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش ئويمىلىرىدا بۇغداي تېرىپ ئۆستۈرۈش خاتىرىلەنگەن. ك
ئۇيغۇرچە نامى گۈرۈچ ئىنگلىزچە نامى Rice رەڭگى ئاق رەڭ خەنزۇچە نامى 大米 ئاساسلىق ئىستېمال ئۈنۈمى تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلە
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号