
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 大豆
لاتىنچە ئاتىلىشى: Glycine max (Linn.) Merr.
باشقىچە ئاتىلىشى: سېرىق پۇرچاق
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—پۇرچاق ئەترىتى—پۇرچاق ئائىلىسى—كىپىنەكسىمان گۈللۈكلەر كەنجى ئائىلىسى—دادۇر ئۇرۇقدىشى—دادۇر
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
دادۇر سېرىق پۇرچاقنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇ يەنە قارا پۇرچاق، كۆك پۇرچاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دادۇرنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى تۇخۇمنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ. دادۇرنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ھايۋانات ئاقسىلىغا يېقىن كىلىدىغان بولۇپ، ئامىنۇ كىسلاتاسىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى ئادەمنىڭ ئېھتىياجىغا بىر قەدەر يېقىن كىلىدىغان بولغاچقا، ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئاسان سۈمۈرلىدۇ. ئەگەر دادۇرنى گۆش تۈرى ۋە تۇخۇم تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يىسە، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۇخۇم ۋە سۈت بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كىتىدۇ.

دورىلىق قىممىتى
دادۇر ئېچىتىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كىيىن، زوكام، باش ئاغرىش، دېمى سىقىلىش ۋە ئۇيقۇسى قېچىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
سانائەت قىممىتى
دادۇردىن پۇرچاق مېيى چەككىلەشكە بولىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مۇھىم يىمەكلىك مايلىرىنىڭ بىرى؛ پۇرچاق مېيى قۇرغاق خارەكتىردىكى ماي بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مۇھىم كىلىش مەنبەسى؛ پۇرچاق مېيىنىڭ خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگىمۇ قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمى بار.

قارا گۈرۈچ—قارا شالدىن ئايرىپ ئېلىنغان مەھسۇلات بولۇپ، يۇمىلاق گۈرۈچكە ياكى سوقىچاق گۈرۈچكە تەۋە. قارا گۈرۈچ، باشاقلىقلار ئائىلىسىگە ت
سۇلۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، " ئۆسۈملۈكلەر قامۇسىدا" قۇچقاچ بوغدىيى ، ياۋا بوغداي دەپ ئاتىلىدۇ.
نومى گۈرۈچى نومى شېلىنىڭ سىرت قېپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىنكى گۈرۈچ بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى رايونلىرىدا نومى گۈرۈچى دەپ ئاتىلىدۇ، شىم
دادۇر—ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سېرىق پۇرچاق دىيىلىدۇ؛ ئۇ پۇرچاق ئائىلىسى دادۇر ئۇرۇقدىشىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، 90-30سانتىم
بۇغداي ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تېرىپ ئۆستۈرگەن ئاشلىق زىرائىتىدۇر. قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش ئويمىلىرىدا بۇغداي تېرىپ ئۆستۈرۈش خاتىرىلەنگەن. ك
ئۇيغۇرچە نامى گۈرۈچ ئىنگلىزچە نامى Rice رەڭگى ئاق رەڭ خەنزۇچە نامى 大米 ئاساسلىق ئىستېمال ئۈنۈمى تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلە
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号