كىراخمال دىيەن فېن بىلىۋېلىڭ ( 淀粉 )
9 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 328823:ئادەم ئۆگەندى

تەييارلىغۇچى : ئالىمجان ئۇبۇلقاسىم
1.   ئاتىلىشى  :  كىراخمال  خەنزۇچە  ( 淀粉   دىيەن فېن ) ، ( 生粉 شېڭ  فېن ) ، ( 团粉 تۇەن فېن )  دىگەن  ناملاردا  ئاتىلىدۇ . 

2.   تەبىرى   :    كراخمال كۆپلىگەن  ئۈزۈم جەنتلىرىنىڭ  قىسقىرىشى  نەتىجىسىدە  ھاسىل بولغان كۆپ قەنتلىك بىرىكمە ماددا  ،  شەكلى  ئۇندەك  يەنى  ئۇندىنمۇ يۇمشاق  بولىدۇ . پۇرچاق بىلەن تاتلىق ياڭيۇنىڭ  كراخمالى يىرىك بولىدۇ .   ئۇ  سوغ  سۇدا  ئىرىمەيدۇ .  چىلاپ  قويۇلسا  ۋاقت  ئۆتكەنسېرى  ئاستىغا  تىنىۋالىدۇ .  قىززىق سۇدا  60 سېلسىي گرادوستىن يۇقۇرى  بولغان  غۇدا  سۇ  سۈمۈرۈپ  كۆپۈشكە  باشلايدۇ . قورۇمىنىڭ  سۈيىنى سۈمۈرۈپ  قويۇقلاشتۇرىدۇ .  قورۇما  سۈيىدىكى  تەمنى ماتېريالنىڭ  يۈزىگە يېپىشتۇرۇپ  تەملىك قىلىدۇ .     ئاشپەزلىكتە  ئاساسلىقى  ، ئومۇچلاش  ، مەلھەملەش (  شىرە  بېرىش ) ، قويۇلدۇرۇش  قاتارلىق  ۋاستىلەرگە  ئىشلىتىلىدۇ .  3.  تۈرلىىرى :   1)   قوناق كراخمالى (玉米淀粉Corn Starch )    بۇ  قوناق  دانبلىرىدىن  ئايرىۋېلىنىدۇ .    لېكىن  سۈپىتى  بەرەڭكە  كراخمالنىڭكىگە  يەتمەيدۇ .  2) بەرەڭكە كراخمالى  ( 太白粉Potato Starch )  بۇ  تۇراقلىق  قويۇقلاشتۇرغۇچ  بولۇپ  ، رەڭگى ئاپپاق ، يۇمشاق  ،  يالتراقلىقى يېشىلماشنىڭكىدىن  ياخشى . لېكىن  سۇ  سۈمۈرۈشچانلىقى  يېتەرسىز  .  سوغا  چىلاش  ئارقىلىق  قويۇقلاشتۇرۇش  ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .  3)  تاتلىق بەرەڭكە ( تاتلىق ياڭيۇ ) ۆراخمالى ( 番薯粉Sweet Potato Starch ) :   بۇ  تاتلىق  ياڭيۇدىن  ئايرىۋېلىنغان كراخمال بولۇپ ،  شەكلى يىرىكرەك بولۇپ  ،  ئىسسىق سۇدا  شىلىملىق قويۇق بولىدۇ .  سۇ  سۈمۈرىشى قوناق كرا خمالىدىن ياخشى .   بۇ  جوڭگوچە  قورۇمىلارغا  كۆپ  ئىشلىتىلىدۇ .  4) پويرارىيە چاتقىلى  ( 葛粉 )   بۇ  پويرارىيە  چاتقىلىنىڭ  يەر  ئاستى  غولىدىن ئايرىۋېلىنىدۇ . بۇنىڭ  رولى  قوناق ، بەرەڭكە  كىراخمالىنىڭكى بىلەن  ئوخشاش ، لېكىن  بۇ  ئانچە  يۇقۇرى  بولمىغان  ھارارەتتىمۇ  ئېرىيدۇ .  5)  مانىخوت كراخمالى (  木薯粉Tapioca Flour ) يەنى   سۇ ياڭىقى  كېراخمالى دەپمۇ  ئاتىلىدۇ .  بۇ  ئاساسلىقى  تايلاند ،  نېگىرىيە  ، بىرازىلىيە دىن  چىقىدۇ .  دۆلىتىمىزگە  قىسمەن ئېمپورت قىلىنىۋاتىدۇ .  قورۇمىنى  ناھايىتى يالتراق قىلىدۇ .  6)  يېشىلماش ( 绿豆淀粉 ) كراخمالى .  بۇ يېشىلماشنى  سۇغا  چىلاپ ئىزىپ ،  سۈزۈپ ئېلىنىدىغان بولۇپ ،  ھۆل ، قۇرۇق 2  خىل ، ھۆلى قاتتىق  مونەك  ھالەتتە ، قۇرۇقى  يىرىك   دانچە  ھالەتتە  بولىدۇ .  ئاساسلىقى  ئاشلەڭپۇڭ ، پۇرچاق  پوشكىلى ( فېن پى ) گە  ئىشلىنىدۇ ،  قورۇمىغا  ئىشلەتسىمۇ  بولىدۇ .  لېكىن  باھاسى  نىسبەتەن  قىممەت . 

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号