بۇنىڭدىن بىر پارچە يىسىڭىز، قورسىقىڭىزدىكى ماي پۈتۈنلەي يوقايدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 90001:ئادەم ئۆگەندى
   دولانا(山楂) يەيدىغان پەسىل ھىسابلىنىدىغان ھازىرقى مەزگىللەردە، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دولانا تورتى(山楂糕) كەم بولۇپ قالسا قانداق بولغىنى؟ بۇ ئۆزىڭىزنىڭ تەييارلىمىقىمۇ تەس ئەمەس بولۇپ، سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق!
كىتەرلىك ماتىريال
     دولانا بىر كىلوگىرام، ئاق شىكەر 250 گىرام، ناۋات 250 گىرام، لىمون يېرىم تال، سۇ 600 گىرام
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
دولانانى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بېغىچلىرى بىلەن ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋىتىمىز.


Step 2
دولانانى قازانغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم تال لىموننى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىمىز، بۇنىڭدا ئوكسىدلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

600 گىرام سۇ قوشىمىز.

چوڭ ئوتتا قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، 5-3 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، دولانانى يۇمشىتىمىز.


Step 3
دولانانى سۈيى بىلەن قوشۇپ ئەلگەك داسقا ئۇسۇپ ئالىمىز.

چۆمۈچ بىلەن دولانانى ئىزىپ بىرىمىز؛ بۇنىڭدا پوستى ئەلگەكتە قېلىپ، گۆشى تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

ياكى مىۋە ئىزىش ماشىنىسىدا بىر قېتىم ئىزىۋەتكەندىن كىيىن، ئاندىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزسەكمۇ بولىدۇ.


Step 4
قايتا قازان ئېسىپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزگەن دولانا قىيامىنى قۇيىمىز.

250 گىرام ئاق شىكەر ۋە 250 گىرام ناۋات قوشىمىز.
      ئوتنى كىچىك ئوتتا قويۇپ، توختىماي قوچۇپ، 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز؛ دولانا تەركىبىدە پىكتىن ئىنتايىن مول بولۇپ، قايناتقانسىرى قويىلىدۇ.
     چۆمۈچ بىلەن قازاندىكى قىيامنى ئۇسساق كۆرنەرلىك دەرىجىدە ئىزناسى قالىدىغان ھەمدە چۆمۈچكە چىققان قىيام ئاسان تېمىپ كەتمەيدىغان ھالەتكە كەلگۈچە قايناتساق بولىدۇ.

Step 5
ئەينەك قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇنىڭ ئىچ دىۋارىغا بىر قەۋەت ماي سۈرۈيمىز.
      دولانا قىيامىنى قىزىق پېتى ئەينەك قاچىغا ئۇسسۇپ ئېلىپ، يۈزلىرىنى تۈزلەشتۈرسەك، پۈتۈنلەي سۇۋۇپ بولغاندىن كىيىن دولانا تورتىغا ئايلىنىدۇ.

Step 6
     ئاخىرىدا دولاناتورتىنى سالىدىغان قاچا بەك چوڭقۇر بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك، بولمىغاندا قېتىشىش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ؛ ئەگەر ياخشى قېتىشمىسا، بۇ قايناتقان ۋاقتىمىزنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدىن بولىدۇ، ئۇزۇنراق قايناتساقلا بولىدۇ. ھازىرقى بۇ مەزگىلدىن پايدىلىنىپ سىزمۇ تەييارلاپ سىناپ بېقىڭ!

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号