تارىخىمدا تۇخۇمنى بۇنداق يەپ باقماپتىكەنمەن، ئەمما بەك تېتىدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 78067:ئادەم ئۆگەندى
   تۇخۇم، تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئالاقىدار نۇپۇزلۇق ئورگانلار تەرپىدىن "دۇنيادىكى ئۇزۇقلۇقى ئەڭ ياخشى ناشتىلىق" دەپ تەرىپلەنگەن؛ چۈنكى، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە بىز تۇنۇشلۇق بولغان ئاقسىل، خولىستىرىن قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار بولغاندىن سىرت، ئۇ يەنە ئادەم بەدىنىگە ياردەملىشىپ، ئوكسىدلانغان ئامىنو كىسلاتالىرىغا قارشى تۇرالايدۇ.
  تۇغۇلغاندىن بىرى تۇخۇم ئىستىمال قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، ئەمما تۇخۇمنى ئەزەلدىن تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا يەپ باقماپتىكەنمەن؛ ئۈستەلگە چىقىشىغا، قوسىغىم ئۆزلىكىدىن ئېچىپ كەتتى. بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، كاۋا بىلەن تۇخۇمنى قاقلاپ پىشۇرۇش ئارقىلىق تەييارلانغان تائام بولۇپ، ئۇسۇلى ئاددى، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەنگە ماس كىلىدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: كاۋا تۇخۇم، پىياز، قىيزا، ئازراق مىفەن، قارىمۇچ، تۇز، زەيتۇن مېيى
 تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كاۋىدىن ماشىنىنىڭ چاقىغا ئوخشىتىپ، قېلىنراق چەمبەردىن ئىككىنى كىسىپ تەييارلايمىز ھەمدە ھەر ئىككى يۈزىگە زەيتۇن مېيى سۈرۈيمىز.
   2. ھەر ئىككى يۈزىگە يەنە، ئازراق قارىمۇچ ۋە تۇز سېپىۋىتىمىز.
   3. دوخوپكىغا سېلىپ، 160گىرادوسلۇق تىمپىراتۇردا 15مىنۇت پىشۇرىمىز.
   4. پىياز بىلەن قىيزىنى ئۇششقا توغراپ تەييارلايمىز.
   5. مىفەن، توغرالغان پىياز ۋە قىيزا قاتارلىقلارنى قوشۇپ قورۇيمىز.
   6. كاۋىنىڭ ئوتتۇرىدىكى چەمبەرسىمان بوشلۇققا زەيتۇن مېيى سۈرۈيمىز.
   7. تۇخۇمنى كاۋىنىڭ ئوتتۇردىكى بوشلۇققا چاقىمىز.
   8. كاۋىنىڭ يۈزىگە ئالدىدا قورۇپ تەييار قىلغان مىفەننى تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرىمىز.
   9. دوخوپكىغا سېلىپ، ئاستى-ئۈستى 160گىرادوسلۇق ئوتتا يەنە 10مىنۇت قاقلاپ پىشۇرىمىز.
   10. ۋاقىت توشقاندىن كىيىن دوخوپكىدىن ئېلىپ تەخسىگە تىزساقلا يىيىشنى باشلىساق بولىدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号