يەلپۇگۈچسىمان قۇلۇلە دوملىمىسى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 57837:ئادەم ئۆگەندى

   خام ماتېرىيالى : يەلپۇگۈچسىمان قۇلۇلە، غولپىياز مايسىسى، يۇمغاقسۈت ،سامساق، ماش ئۈگرىسى


    تەم خۇرۇچلىرى:جاڭيو، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ يېغى،دېڭىز مەھسۇلاتى جەۋھىرى


    تەييارلاش ئۇسۇلى: ماش ئۈگرىسى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتۋالىمىز.قۇلۇلىنى پاكىز ئادالاپ يۇيۇپ تەييارلىۋالغاندىن كىيىن گوشىنىڭ ئوتتۇرىدىن يېنىك پىچاق ئۇرۇپ گۈل چىقىرۋالىمىز.


سامساقنى چاناپ بىر چۇمۇچ ياغ بىلەن ياغ سامساق تەييارلاپ بىر قاچىغا ئېلۋالىمىز.ئاندىن يۇمغاقسۇتنى ئۇششاق توغراپ ياغ سامساققا سالىمىز،ئۇچ بال قوشۇق جاڭيو بەش بال قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئاندىن دېڭىز مەھسۇلاتى جەۋھىرىدىن توت بال قوشۇق ،غولپىياغ مايسىسى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەم جەۋھىرى تەييارلىۋالىمىز.ئاندىن كىيىن قۇلۇلىنى تەخسىگە رەتلىك تىزىپ سۈيىنى پاكىز سارقىتىپ تەييارلانغان ماش ئۇگرىسىنى قۇلۇلە ئۈستىگە ئاز ئازدىن ئېلىپ ئۈستىگە تەم جەۋھىرىدىن ئىككى قوشۇق قۇيۇپ تەييارلىۋالىمىز.



   دۇملەش ئۇسۇلى: قاسقانلىق قازان قايناپ تەييار بولغاندا  قولۇلىنى قاسقانغا رەتلىك تىزىپ


15 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۇپ بېزەلگەن تەخسىگە رەتلىك تىزىپ ئەزىز مېھمانلارنى كۇتۋالساق بولىدۇ .

 

قورغاق قازان سىياھ بېلىق راك قورىمىسى干锅鱿鱼虾

تەم خۇرۇچلىرى :تۇز،تېتىتقۇ،قاقمۇچ،كاۋاۋىچىن،شېكەر،زىرە تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن سىياھ بېلىق، راكنى پاكىز يۇيۇپ سىياھ بېلىقنى قىي

پىچەكگۈل راك شورپىسى

ئالاھىدىلىكى :مىڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، ساپ خىلىت ھاسىل قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، تالنى ساغلاملا

يەلپۇگۈچسىمان قۇلۇلە دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: ماش ئۈگرىسى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتۋالىمىز.قۇلۇلىنى پاكىز ئادالاپ يۇيۇيۇپ تەييارلىۋالغاندىن كىيىن گوشىنىڭ ئوتتۇرىد

بەرەنگەقەلەمچىسى راك قورمىسى (薯条虾)

تەم خۇرۇچلىرى :جاۋيەن ، جىشىفىن ،كىراخمال ،كۈنجۈت تەييارلاش ئۇسۇلى :بەرەنگىنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،كوك-قىزىلمۇچلارنى ،قەلەمچە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号