بالىڭىزغا كالتسىي ھەم ۋىيتامىن C تۇلۇقلايدىغان بۇ تاماقنى ئىتىپ بىرىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 158522:ئادەم ئۆگەندى

    سۆسۈن كاللاكبەسەينىڭ ۋىيتامىن C تەركىبى ئاپلىسىننىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، بۇندىن باشقا ئۇنىڭ كالتسىي ۋە سېلىن تەركىبىمۇ باشقا ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارغا قارىغاندا يۇقىرى، يىمەكلىك تالا ماددىسى ۋە باشقا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ماددىلارمۇ ئىنتايىن مول؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆسۈن كاللاكبەسەينىڭ رەڭگىمۇ بالىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆپچلىكنىڭ دىققىتىگە تەييارلاش ئاسان بولغان، ھەمدە كالتسىي ۋە ۋىيتامىن Cنى تەڭ تۇلۇقلايدىغان بىر خىل تائام—توخۇگۆشى ۋە سۆسۈن كاللەكبەسەي قوشۇپ تەييارلانغان گۈرۈچ قورىمىسىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
 
توخۇ گۆشى ۋە سۆسۈن كاللەكبەسەي قوشۇپ تەييارلانغان گۈرۈچ قورىمىسى
كىتەرلىك ماتىريال
    گۈرۈچ، سۆسۈن كاللەكبەسەي، توخۇ گۆشى، تەرخەمەك
قوشۇمچە ماتىرياللار
     يىمەكلىك مېيى
 تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كىتەرلىك ماتىرياللار تەييارلىنىدۇ.
   2. سۆسۈن كاللەكبەسەي ۋە توخۇ گۆشىنى كىچىك بۇرجەكلىك پارچە قىلىپ توغرايمىز؛ تەرخەمەكنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ قىيىۋالىمىز ياكى توغرايمىز.
   3. گۈرۈچنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، توك قازىنىدا دۈملەپ گۈرۈچ تامىقى تەييارلايمىز.
   4. قازانغا ماي قۇيۇپ، توغرالغان توخۇ گۆشى ۋە سۆسۈن كاللەكبەسەينى سېلىپ پىشقىچىلىك قورۇيمىز.( قورۇش جەريانىدا مۇۋاپىق تۈردە ئىلمان سۇ سېپىپ قورىساق بولىدۇ)
   5. دۈملەپ تەييار قىلغان گۈرۈچ تامىقىنى قازانغا سېلىپ قورۇپ، گۈرۈچ  تامىقى، سۆسۈن كاللەكبەسەي ۋە توخۇ گۆشلىرىنى تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، تەرخەمەك قەلەمچىسىنى قوشىمىز؛ كەينىدىنلا نەچچە مالتىلاپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

    بۇ تائامنى ئائىلىدىكى ھەممە ئادەم يىسە بولىۋىرىدۇ، شۇڭلاشقا بالىلارغا ئايرىم تاماق تەييارلايمەن دىمەيسىز، ھەم بۇ سەۋەپلىك كۆپ ۋاقىتنى تىجىيەلەيسىز. تەييار بولغاندىن كىيىن، بالىڭىزغا ئالدى بىلەن ئۇسسۇپ بەرگەندىن كىيىن، چوڭلار ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن تەم خۇرۇچلىرى قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号