بۇ يېمەكلىكنىڭ ئۇزۇقلۇقى بالىڭىزغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 38999:ئادەم ئۆگەندى

  

  بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان تاماقنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى تېرىق بولۇپ، ئۇنى ھەگىز تۆۋەن كۆرۈپ قالماڭ، تېرىقنىڭ ئۇزۇقلۇقى ئىنتايىن مول. بىز دائىم ئىستېمال قىلىدىغان گۈرۈچ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېرىق تەركىبىدىكى Bئائىلىسى ۋىتامىنلىرىنىڭ مىقدارى، گۈرۈچنىڭ 4-3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يېمەكلىك تالا ماددىسى تەركىبىمۇ گۈرۈچنىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، باشقا ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ مىقدارىمۇ گۈرۈچكە قارىغاندا يۇقىرى.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېرىقنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ تەمىمۇ ياخشى بولۇپ، باشقا يىرىك ئاشلىقلارغا ئوخشاش ئۇنداق "يىرىك" ئەمەس. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بالىلار تالىشىپ ئىستېمال قىلىدىغان تېرىق بانان توقىچى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

  كىتەرلىك ماتېرىيال: بانان، پىشلاق، تېرىق، گۈرۈچ، تۇخۇم، ئىستېمال مېيى

  ماس كېلىدىغان بالىلار: ئون ئايلىقتىن يۇقىرى

  تەييارلاش ئۇسۇلى

  باناندىن بىرتال، 20گىرام تېرىق، 15گىرام گۈرۈچ، بىر تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردا پىشلاق ۋە ئىستېمال مېيى تەييارلىۋالىمىز.

  گۈرۈچ بىلەن تېرىقنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، دۈملەپ پىشۇرۋالغاندىن كېيىن قاچىغا ئۇسۇپ ئالىمىز.

  تۇخۇمنى چېقىپ، قوچۇپ ئېقى بىلەن سېرىقىنى ئارىلاشتۇرىمىز.

  بانان ، گۈرۈچ، تېرىق، پىشلاق ۋە تۇخۇم سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى بىر قاچىغا سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛(باناننى ئالدىنئالا ئىزىپ لاي ھالىتىگە ئەكىلىۋالساق بولىدۇ)

  قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان گۈرۈچ تېرىق بانان ئارىلاشمىسىنى كىچىك توقاچ ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كېيىن قازانغا سېلىپ داغلاپ پىشۇرىمىز.

  ھەر ئىككى يۈزى سارغىيىپ پىشقاندىن كېيىن قازاندىن ئالساق بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号