بالىڭىزنى خۇشال قىلىۋىتىدىغان يېمەكلىك، ئون مىنۇتلا كېتىدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 29795:ئادەم ئۆگەندى
   ئائىلىدە بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساقلىنىدىغان مىۋە نېمە دېسەك، بانان چوقۇم ئارىدىكى بىرسى ھېسابلىنىدۇ. باھاسى ئەرزان ھەم كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، باناننىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى ۋە يۇمشاقلىق دەرىجىسى چوقۇم يېمەكلىكلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
   بىردىنبىر يىتەرسىز بولغان تەرىپى، ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ، نەچچە كۈن تۇرۇپ قالسىلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىمۇ يەپ بولالمىغان بانان بار بولسا، تۆۋەندىكى بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ، بالىڭىزنى قەۋەت خۇشال قىلىۋىتىسىز.
   ئۆيىڭىزدە پەقەت تۇخۇم، بانان، ئۇن قاتارلىقلار بار بولسىلا، ئون مىنۇت ئىچىدە تەييار قىلالايسىز؛ بۇ خىل قوشۇمچە يېمەكلىك، بالىلار ئامراق بولغان تاتلىق تەمدە بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ سۈمۈرىشىمۇ ئاسان بولىدۇ.
   ماس كېلىدىغان بالىلار: 12ئايلىقتىن يۇقىرى، يېمەكلىك رىئاكسىيە قىلمايدىغان بوۋاقلار
   كىتەرلىك ماتېرىيال: بانان، تۇخۇم، ئادەتتىكى ئۇن، قارا كۈنجۈت، ئىستېمال مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇيمىز، ئازراق ئۇن قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

   كەينىدىن قارا كۈنجۈت قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
   باناننىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ توغرايمىز.
   قازاننى ئېسىپ ماي قىزىتىپ، باناننى ئالدىدا تەييار قىلغان تۇخۇم شىرنىسىگە چىلاپ ئالغاندىن كېيىن قازانغا سالىمىز.
   كىچىك ئوتتا داغلاپ، تىگى قىسمى قېتىپ بولغاندىن كىيىن ئۆرۈپ يەنە بىر يۈزىنى داغلايمىز.
   ھەر ئىككى تەرىپى سارغىيىپ پىشقاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号