بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيىنى ئېقىتىدىغان ئۇششاق يېمەكلىك
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 34562:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن ئانىلارنىڭ دىققىتىگە، بوۋىقىنى ئالداپ پەپىلەشتىكى ئۆتكۈر قورالدىن بىرنى—ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناق دانىچىسى تونۇشتۇرىمىز.
   خام ماتېرىيالى: كۆممىقوناق، تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقى(咸蛋黄)، كىراخمال، ئاق شېكەر، تۇخۇم
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆممىقوناقتىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇۋاپ دانىچىلىرىنى ئايرىپ ئالىمىز.

   2. قازاندا سۇ قاينىتىپ، كۆممىقوناق دانىچىسىنى قاينىتىۋالغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇغا سېلىپ سوۋۇتىمىز.
   3. كۆممىقوناق دانىچىسىنى سۇغۇق سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى تولۇق ساقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۈستىگە تۇخۇمدىن بىرنى چاقىمىز.
   4. ئۈستىگە يەنە ئازراق كىراخمال قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   5. ئارىلاشتۇرۇپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتكە ئەكىلىمىز.
   6. چويلىدا سۈزۈپ ئارتۇق كىراخمالنى چۈشۈرىۋىتىمىز.
   7. قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي بەش ئۈلۈش قىزىغاندا كۆممىقوناق دانىچىسىنى سېلىپ داغلايمىز.
   8. تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقىنى(咸蛋黄) ئىزىپ پاراشوك ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
   9. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقىنى كىچىك ئوتتا قورۇپ كۆپۈك ئۆرلەشكە باشلىغان ۋاقىتتا، داغلاپ تەييارلىغان كۆممىقوناق دانىچىسىنى سېلىپ ھەمدە ئۈستىگە ئازراق شېكەر سېپىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   10. ئازراق ۋاقىت قورۇپ، قورۇلغان تۇخۇم سېرىقى كۆممىقوناق دانىچىسىغا پۈتۈنلەي يېپىشقاندا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   ئەسكەرتىش: تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقى ئۆردەك تۇخۇمىنى تۇزلاش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ئۆيدە تەييارلاشقا بولىدۇ، ئەمما كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، يەنىلا بازاردىن تەييارنى سېتىۋالسىڭىز تېخىمۇ قولايلىق  بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号