بىر ياشتىن ئاشقان بوۋاقلارغا ماس كېلىدىغان قوشۇمچە يېمەكلىك
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 29000:ئادەم ئۆگەندى
   بوۋاقلار 2-1ياشلىق بولغان ۋاقىتتا، ئۇزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدىغان بولۇپ، ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى، ياشقا توشمىغان ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا تەدرىجىي ھالدا يېتىلىدۇ ھەمدە چايناپ ئىزىش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق يىمەكلىكلەرنى يىيەلەيدىغان مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، 2-1ياشلىق بوۋاقلار، تەدرىجىي ھالدا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا باشلىسا بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇ ۋاقىتتىمۇ بالىسىغا قاتتىق يېمەكلىك بىرىشكە جۈرئەت قىلالمىسا، بالىلارنىڭ سۈت چىشىنىڭ چىقىشىنى كەينىگە سۈرىۋىتىپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ چايناش ۋە يۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، چوڭ بولغاندا تاماق يىيىشى تەس بولىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
   ئۇنداقتا، بالىلار بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئۇلارغا قانداق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يىگۈزسەك ياخشى بولىدۇ؟
كاۋا قوشۇلغان شورۋىگۈرۈچ
   خام ماتېرىيالى:  كاۋا 50 گىرام، گۈرۈچ 200گىرام، بەسەي مۇۋاپىق مىقداردا.
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كۈنجۈت مېيى
   تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كاۋىنى ئاقلاپ يۇغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغرايمىز؛ بەسەينى يۇيۇپ پاكىزلاپ چاناپ توغرايمىز.
   پىشۇرۇش ئۇسۇلى
   2. گۈرۈچنى توك قازىنىغا سېلىپ، مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ 10مېنۇت ئەتراپىدا پىشۇرىمىز؛ قايناپ چىققاندىن كېيىن، توغرالغان كاۋا، بەسەي قاتارلىقلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، داۋاملىق ھالدا 20 مېنۇت قاينىتىمىز، ئاخىرىدا كۈنجۈت مېيى، تۇز قاتارلىق خۇرۇچلارنى قوشۇپ تەم تەڭىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
رەڭلىك قورۇما مىفەن
   خام ماتېرىيالى: 200گىرام مىفەن، تۇخۇم بىر تال، مايلىق بەسەي، سەۋزە، موگو، تەرخەمەك قاتارلىقلار
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، غولپىياز چانالمىسى، ئۆسۈملۈك مېيى
   تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. تۇخۇمنى داغلاپ قاتۇرغاندىن كېيىن ئۇششاق توغرايمىز
   2. مايلىق بەسەي، سەۋزە، موگو، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى ئۇششاق چاناپ توغرىۋالىمىز.
   قورۇش ئۇسۇلى
   3. ئوچاققا قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن غولپىياز مايسىسىنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ ئىككىنچى قەدەمدە سەۋەزە، تەرخەمەك، موگو، تۇخۇم، مىفەن قاتارلىقلارنى بىراقلا قازانغا سېلىپ قورۇيمىز. پىشقاندىن كېيىن خۇرۇچلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号