بوۋاق قەۋزىيەت بولۇپ قالسا بۇ قوشۇمچە يېمەكلىكنى يىگۈزۈڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 28406:ئادەم ئۆگەندى
   بوۋىقىڭىز قەۋزىيەت بولۇپ قالدىمۇ؟ سۇلا ئىچكۈزگەن بىلەن بىكار، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بانان كاۋا ئۇمىچى ئىچكۈزسىڭىز، قەۋزىيەت ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۈچەي بىلەن ئاشقازاننىمۇ قوغدايدۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە، بانان بىلەن كاۋا بىر قەدەر يۇمشاق يېمەكلىك بولغاچقا، يېڭىدىن قوشۇمچە يېمەكلىك يىيىشنى باشلىغان بوۋاقلارغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

بانان كاۋا ئۇمىچى
   ماس كېلىدىغان بوۋاقلار: 7ئايلىقتىن يۇقىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كېتەرلىك ماتېرىياللارنى تەييارلايمىز: 50گىرام بانان، رىتسىپلىق سۈت 15مىللىلىتىر، پوستى سويىۋىتىلگەن كاۋا 100گىرام
   2. كاۋىنى پارچە قىلىپ توغرايمىز.
   3. قازان ئېسىپ، توغرالغان كاۋىنى 20مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.
   4. باناننى كىچىك بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
   5. يېمەكلىك ئىزىش ماشىنىسىغا، دۈملەپ پىشۇرۇلغان كاۋا، بانان، ۋە رىتسىپلىق سۈتنى سالىمىز.
   6. ئىزىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   7. ئاخىرىدا، رەسىمدىكىگە ئوخشاش بانان كاۋا ئومىچى تەييار بولىدۇ. بۇ خىل ئوماچتا بانان بىلەن كاۋىنىڭ تاتلىق تەمى بار، شۇڭا بوۋاققا ئاسانلا يېقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بوۋىقىڭىز تېخىمۇ قويۇقراق بولغاننى ياخشى كۆرسە، رىتسىپلىق سۈتنىڭ نىسبىتىنى ئازراق ئازلىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号