كالتىسىي مول بولغان ئېسىل تاماق
8 يىل ئىلگىرى ئارزىگۈل 53551:ئادەم ئۆگەندى
 

تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
ئىستىمال قىلىش يېشى : 8 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار :  تاتلىق ياڭيۇ 1 تال ، ئېرىمچىك 1 پارچە ، سىيادان ئاز مىقداردا .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : ئادەتتىكى قازان . دۈملەش قازىنى ، قاچا ، تەخسە .


تەييارلاش باسقۇچى :
1 . تاتلىق ياڭيۇ 1 تال ، ئېرىمچىك 1 پارچە ، سىيادان ئاز مىقداردا تەييار قىلىۋالىمىز .


2 . تاتلىق ياڭيۇنى پاكىز يۇيۇپ ، پوستىنى ئېلىۋېتىپ ، مۇۋاپىق چوڭلۇقتا قىلىپ توغرىۋالىمىز .


3 . توغراپ تەييارلىۋالغان تاتلىق ياڭيۇنى ھوردا دۈملەپ پىشۇرىمىز .


4 . ھوردا دۈملەپ پىشۇرۇپ بولغان تاتلىق ياڭيۇنى ، قىيام ھالىتىگە ئەكىلىۋالىمىز .


5 . تەييارلىۋالغان ئېرىمچىكنىمۇ كىچىك قىلىپ توغراپ تەييارلىۋالىمىز .


6 . سىياداننى قازانغا سېلىپ ، بوش ئوتتا قورۇپ تەييارلىۋالىمىز .


7 . قورۇپ تەييارلىۋالغان سىياداننى ئېزىپ تالقان ھالىتىگە ئەكىلىۋالىمىز .


8 . تاتلىق ياڭيۇنى ياپىلاقلاپ ، ئىچىگە تەييارلىۋالغان سىيادان ھەم ئېرىمچىكلەرنى سېلىپ كومىلاش كالەتكە ئەكىلىۋالىمىز .


9 . تەييار قىلغان كومىلاشلارنى تەخسىگە قۇيۇپ ، ئۈستىنى نىپىز يالىراقتا ياپىمىز .


10 . دۈملەش قازىنىغا قۇيۇپ ، 10 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرىمىز .


مانا ئوماق قوزىڭىزنىڭ تەملىك تامىقى تەييار بولدى . بۇ تاماقنى تەييارلاش ناھايىتى ئاددىي بۇلۇپ ، ئوماق قوزىڭىزنى مول كالتىسىي بىلەن تەمىنلەيدۇ .

 

 

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号