تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
تاماقنىڭ ئىسمى :كاۋا تەملىك موگو ئۇمىچى .
ئىستىمال قىلىش يېشى : 9 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار : كاۋا 160 گىرام ، موگو 3 تال ، گۈرۈچ 40 گىرام .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : نەزىفە قازانلىرى . 1 تال قاچا . چوكا .
تەييارلاش باسقۇچى :
1 . كاۋا 160 گىرام ، موگو 3 تال ، گۈرۈچ 40 گىرام تەييارلىۋالىمىز .

2. گۈرۈچنى پاكىزە يۇيۇپ ، قازانغا سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا گۈرۈچنى قاينىتىمىز .

3. كاۋىنىڭ ئۇرىقىنى ئېلىۋېتىپ ، نورمال قىلىپ توغراپ تەييار قىلىمىز .

4. توغراپ تەييارلىۋالغان كاۋىنى قاچىغا ئېلىپ ، قاسقانغا قۇيۇپ ھوردا پىشۇرىمىز .

5. كاۋا پىشقىچە بىز موگونى تەييارلىۋالىمىز ، موگو چۇقۇم يېڭى بۇلىشى كېرەك .

6. يۇيۇپ پاكىزلىۋالغان موگونى توغراپ تەييارلىۋالىمىز .

7. تەييارلىۋالغان موگونى قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز ، ئاۋال كۈچلۈك ئوتتا كىيىن پەس ئوتتا قاينىتىمىز .

8 . پىشقان كاۋىغا ئازىراق سۇ ئارلاشتۇرۇپ ، ئۇنى ئىزىپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىۋالىمىز .


9 . موگو قايناۋاتقان قازانغا ئېزىپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىۋالغان كاۋىنى سېلىپ بىللە قاينىتىمىز .

10 . مانا ئومىقىڭىزنىڭ ئامراق تامىقى تەييار بولدى .


باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ
بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل
تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل
كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن
خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.
كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号