5 خىل كۆكتات پۇرچاق ئۇيۇتمىسى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 52999:ئادەم ئۆگەندى

 بوۋاق ئادەتتە 1 ياش ئىچىدە ئادەتتە تۇز بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز ، يەنە كېلىپ ئاز شېكەر ، ئاز ماي بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز . بۇنداق دېگەندە ئانىلىرىمىز جىددىيلىشىپ سورايدۇ ، تۇز بولمىسا تاماقنىڭ قانداقمۇ تەمى بولسۇن ؟؟؟ بۇ ئەمەلىيەت ، بىراق بۇنى ھەل قىلىش ناھايىتىمۇ ئاددى ، قېنى ئۇنداقتا تۆۋەندە سىز ئۈچۈن تەييارلىغان  تامىقىمىزدا بولسۇن  


 
تاماق ئىسمى : 5 خىل كۆتات پۇرچاق ئۇيۇتمىسى
ياش چەكلىمىسى : 11 ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلار
خام ماتېرياللار : پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىر پارچە ، سۆسۈن رەڭ كاپۇسكا بىر ياپراق ، پۇراقلىق گۈمبەمەدەك 1~2 قۇلاق ، قىزىل سەۋزە ، قوناق كونسېرۋاسى ، كۈنجۈت يېغى ، باش پىياز
ئەسۋاپ : نەزىفە داتلاشماس قازىنى

تەييارلاش باسقۇچلىرى
1.ئەڭ ئالدى بىلەن بارلىق ماتېرياللارنى يۇيۇپ  ئاخلاپ پاكىزە يۇيۇپ  تەييار قىلىۋالىمىز 


2.كاپۇسكىنى ئۇششاق توغرىۋلىمىز

3.ئەمدىكى نۆۋەتتە موگنى پاكىز يۇيۇپ ئىسسىق سۇغا ئاز مىقتاردا تۇز سېلىپ بىردەم قويۇپ قويىمىز . بۇنداق بولغاندا موگ ئۈستىگە چاپلىشىپ قالغان كۆرۈنمەس زەمبۇرۇغلارنىڭ ئاسان چىقىپ كېتىشىگە ياردىمى بولىدۇ .
ئاندىن موگنى توغراپ تەييار قىلىۋالىمىز

پۈتتى مانا

4.ئاقلاپ تەييار قىلغان سەۋزىنى ئوخشاش ئۇششاق ھالەتتە توغرىۋالىمىز

سەۋزىنىمۇ توغرىۋالدۇق

5.ئەمدى توغراپ تەييار بولغان سەۋزە ، موگو ۋە قوناق كونسېرۋاسىنى قازانغا سېلىپ سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ پىشۇرىۋالىمىز .

6. ئارقىدىن كاپۇسكىنى سالىمىز

7. ئەمدى ھەممىسى پىشتى ئۇلارنى سۈزۈپ ئېلىپ بوۋىقىمىزنىڭ يىيىشى ئاسان بولغۇدەك چوڭلۇقتا توغرىساق بولىدۇ

توغراپ بولدۇق

8.باش پىيازنى چىش ئارىسىغا كىرىپ قالمىغۇدەك ھالەتتە توغرىۋالىمىز

پۈتتى:

9. ئەمدى پۇرچاق ئۇيۇتمىسىسنى قايناقسۇدىن بىر ئۆتكۈزىۋېلىپ قەن چوڭلۇقىدا توغراپ ئارقىدىن قوشۇقنىڭ كەينى بىلەن  ئېزىۋالىمىز

 تەييار بولدى مانا

10.قازانغا 2~3 قوشۇق كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ ئالدى بىلەن پىياز ئارقىدىن  پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سېلىپ 2~3 مىنۇت ئارلاشتۇرۇپ قورۇيمىز

11. ئەمدى بايا تەييار قىلغان بارلىق ماتېرياللارنى سېلىپ قورۇيمىز

ئەسكەرتمە
كۆكتاتلار پىشاي دېگەندە پەقەت ناھايىتى ئاز مىقتاردا سۇ قۇيساقلا بولىدۇ

ھۇا ، بۇ رەڭ بەك چىرايلىق بولدىمۇ قانداق ؟
رەڭلىك تاماق تەييار بولدى ....


تەۋسىيە
قىزىل سەۋزە بىلەن سېرىق رەڭلىك قوناق ئارلاشقاندىكى رەڭ تاماقنىڭ سۈپىتىگە تېخىمۇ رەڭ قوشۇپ ناھايىتى كۆركەم بىر تاماق تەييار بولىدۇ ، ھەم ئىنتايىن يىيىشلىك
 

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号