بوۋاقلار ياقتۇرىدىغان تۇخۇم بۇلمىقى تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 24872:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، كىچىك قوزاملا ئەمەس، مەنمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان بىر خىل بوۋاقلار تائامى؛ پۇرسەت غەنىمەت، تىزدىن كىلىپ كۆرىۋىلىڭ!
كىتەرلىك ماتىريال: ئۈچ تال تۇخۇم، 100گىرام كالا سۈتى، سۇ، تۇز، جىياڭيۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
    كىتەرلىك ماتىرياللارنى تەييار قىلىۋالىمىز، يەنە چىش كولىغۇچمۇ بار؛
ئىككىنچى قەدەم
    تۇخۇمنى چېقىپ ئىلەشتۈرىمىز؛
ئۈچىنچى قەدەم
    چېقىپ ئىلەشتۈرۈلگەن تۇخۇم ئۈستىگە كالا سۈتى، سۇ، تۇزلارنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئىسىڭىزدىن چىقمىسۇنكى، ئارىلاشتۇرغاندا مۇقىم بىر يۆنىلىشتە قوچۇپ ئارىلاشتۇرۇڭ.
تۆتىنچى قەدەم
    ئارىلاشتۇرۇپ بولغان تۇخۇم سۇيۇقلۇقى يۈز قىسمىدا كۆپۈكچىلەر پەيدا بولىۋالىدۇ؛
بەشىنچى قەدەم
   تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى ئەڭ ياخشىسى تەخسىگە قاچىلاڭ، بۇنىڭدا ئىسسىقلىققا ئۇچرىشى تەكشى بولىدۇ؛ سۈزگۈچ توردىن ئۆتكۈزۈپ يۈز قىسمىدىكى كۆپۈكچىلەرنى سۈزىۋىتىڭ(ئەگەر سۈزگۈچ تور بولمىسا، بىۋاستە قوشۇق بىلەن ئېلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ)؛
ئالتىنچى قەدەم
    ئۈستىنى يىڭى ساقلاش پىلاستىرى بىلەن ھىم يۆگىۋەتكەندىن كىيىن، چىش كولىغۇچ بىلەن پىلاستىر يۈزىدىن نەچچە تۈشۈك ئېچىپ قويىمىز؛
يەتتىنچى قەدەم
    قازاندا سۇ قاينىتىپ، تەخسىدىكى تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا بەش مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىسەكلا تەييار بولىدۇ.
سەككىزىنچى قەدەم
    دۈملەپ تەييارلانغان تۇخۇم بۇلمىقى، يۈز قىسىمى تەكشى ھەم پاقىراق، ئەڭ مۇھىمى ئىنتايىن يىيىشلىك بولىدۇ.
توققۇزىنچى قەدەم
    ئۈستىگە ئازراق جىياڭيۇ قوشۇۋەتسەك(ياقتۇرمىسىڭىز قوشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)، ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号