بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—كالا گۆشى قاتلىمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 25147:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان قوشۇمچە يىمەكلىك، داغلاپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى قاتلىمىسىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
   كالا گۆشى، ياڭيۇ، موگو، غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل، كىراخمال
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
    كىتەرلىك ماتىريالنى تەييار قىلىۋالىمىز
ئىككىنچى قەدەم
    ياڭيۇنى نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرا، قازاندا 15مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز؛
ئۈچىنچى قەدەم
    ياڭيۇ پىشقاندىن كىيىن، ئۇنى ئىزىپ لاي ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛
تۆتىنچى قەدەم
    موگونى سۇدا بىر قاينىتىۋالىمىز؛ قاينىتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇششاق توغرايمىز؛
بەشىنچى قەدەم
    كالا گۆشىنى سۇدا بىر قاينىتىپ قانلىرىنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، چاناپ قىيما قىلىمىز؛
ئالتىنچى قەدەم
   ئۇششاق چاناپ توغرالغان غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل، موگۇ قاتارلىقلارنى ۋە ياڭيۇ ئەزمىسىنى، تۇخۇمنىڭ ئېقى، كىراخمال قاارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كالا گۆشى قىيمىسىنىڭ ئۈستىگە قوشىمىز؛(بوۋىقىڭىزنىڭ يېشى چوڭراق بولسا، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇۋەتسەك بولىدۇ)
يەتتىنچى قەدەم
    مۇۋاپىق مىقداردا بوۋاقلار ئىستىمال مېيى قوشىۋىتىمىز؛
سەككىزىنچى قەدەم
    ئارىلاشتۇرغان قىيمىنى ئاۋال كۇمىلاچ ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كىيىن، ئۇنى ئىزىپ كىچىك قاتلىما شەكلىگە ئەكىلىمىز.
توققۇزىنچى قەدەم
    ئاستى تۈز قازانغا ماي قۇيۇپ، تەييارلىغان قاتلىما شەكىللىك قىيمىنى سېلىپ، كىچىك ئوتتا ھەر ئىككى يۈزى سارغايغىچىلىك داغلايمىز؛
ئونىنچى قەدەم
    داغلاپ بولغاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ 6-5مىنۇت دۈملەيمىز.
ئون بىرىنچى قەدەم

    دۈملەپ بولغاندىن كىيىن قاچىغا ئېلىپ تىزساق بولىدۇ. بۇ كالا گۆشى قاتلىمىسى ناھايىتى يۇمشاق ھەم يىيىشلىك بولۇپ، تۇز قوشمىساقمۇ شۇنداق تەملىك بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号