بىر ياشلىق بالىلارغا ماس كىلىدىغان كاللەكبەسەي توقىچى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 20374:ئادەم ئۆگەندى
   بىر ياشلىق بالىلارغا ماس كىلىدىغان قوشۇمچە يىمەكلىك، كاللەكبەسەي توقىچى؛ بۇنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭ كۆكتات يىگىلى ئۇنىماي قېلىشىدىن ئەنسىرمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   تۇخۇم، كاللەكبەسەي، ئۇن، تۇز، غولپىياز مايسىسى، قارىمۇچ، زەيتۇن مېيى ياكى ياڭاق مېيى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
بىرىنچى قەدەم
   كاللەكبەسەينىڭ ئىچى تەرەپتىكى يۇمرانراق كەلگەن قانىتىدىن ئۈچ-تۆتنى تەييارلاپ يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
ئىككىنچى قەدەم
   كاللەكبەسەينى كۆكتات ئىزىش ماشىنىسىغا سېلىپ چانالما ھالەتكە ئەكىلىمىز، ئەگەر كۆكتات ئىزىش ماشىنىسى بولمىسا چەيدو بىلەن ئۇششاق توغرىسىڭىز بولىدۇ. (كىچىك بالىسى بارلار، ئەڭ ياخشىسى قولدا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۆكتات ئىزىش ماشىنىسىدىن بىرنى تەييار قىلىپ قويۇڭ، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولىدۇ)
ئۈچىنچى قەدەم
   چانالغان كاللەكبەسەينىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى، تۇز، قارىمۇچ قوشىمىز.
تۆتىنچى قەدەم
   تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، 20مىنۇت قويۇپ، كاللەكبەسەينىڭ سۈيىنىڭ چىقىپ يۇمشىشىنى كۈتىمىز.
بەشىنچى قەدەم
   ئۈستىگە تۇخۇمدىن بىرنى چاقىمىز.
ئالتىنچى قەدەم
   تۇخۇمنى قوچۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز
يەتتىنچى قەدەم
    ئۈستىگە ئۇن قوشىمىز؛ ئۇننى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ قوشىمىز، ھەر قېتىمدا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئىككىنچى قېتىملىقنى قوشىمىز.
سەككىزىنچى قەدەم
    ئاخىرىدا ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرىمىز؛ ئۈستىگە سۇ قوشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇننىمۇ بەك كۆپ قۇشۇۋەتمەڭ، بولمىسا توقاچ قاتتىق چىقىپ قالىدۇ.
توققۇزىنچى قەدەم
    قازانغا ئازراق زەيتۇن مېيى ياكى ياڭاق مېيى قۇيمىز
ئونىنچى قەدەم
    ئالدىدا تەييارلىغان ئۇماچنى قازانغا قۇيۇپ، كىچىك ئوتتا داغلاپ پىشۇرىمىز؛ ئۇماچ ئازراق قاتقاندىن كىيىن، يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈپ داغلىساق بولىدۇ.
ئون بىرىنچى قەدەم
   رەڭگى رەسىمدىكىدەك بولغان ۋاقىتتا قازاندىن ئالساق بولىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، چوقۇم كىچىك ئوتتا ئاستا ئاستا داغلاڭ، بولمىسا كۈيۈپ كىتىدۇ.
ئون ئىككىنچى قەدەم
   بالىلار قولىدا تۇتالىغۇدەك چوڭ كىچىكلىكتە توغراپ پارچىلىساقلا بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号