ھازىر بەزىبىر كىچىك بالىلارغا تاماق يىگۈزۈش، ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش بولۇپ قالدى؛ ئەلۋەتتە، مىنىڭ بالاممۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ۋاخ تاماق يىگۈزۈش ئۈچۈن، بىر مو يەرنى ئاغدۇرغاندەك ھېرىپ كىتىمەن. كىيىنچە، تېلىۋىزوردىكى بىر بالىلار پىروگىراممىسىدىن، مىفەننى قاقلاپ پىشۇرغانلىقى كۆرۈپ، بىكارچىلىقتا بالامغا تەييار قىلىپ يىگۈزۈپ سىناپ باقسام، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق ئۇششاق يىمەكلىكىگە ئايلىنىپ قالدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل مىفەن قاقلىمىسىنى تەييارلاش ئۈچۈن زەنجىۋىل ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بولۇپلا قالماي، تۇمۇزدىن ساقلىنىپ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلايدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
مىفەن، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، تۇز، زەنجىۋىل
تەييارلاش ئۇسۇلى
مۇۋاپىق مىقداردا مىفەن دۈملىۋالىمىز، سۇغۇق مىفەن بولسىمۇ بولىدۇ.
مىفەننى زۇڭزىغا ئوخشاش سوقا كومىلاچ قىلىۋالىمىز؛ بىر چىنە سۇ تەييارلاپ، ھەربىر مىفەن كۇمىلىچىنى تەييار قىلىشتىن ئاۋال، ئالقىنىمىزغا ئازراق تۇز سۈرىۋالىمىز، بۇنىڭدا مىفەنگە غەلىتە تەم سىڭىپ كىرىۋالمايدۇ.
كەينىدىن، مىفەننى زۇڭزىغا ئوخشاش ئۈچ بۇرجەك ھالەتكە ئەكىلىمىز؛ ئەگەر قولىڭىزغا چاپلىشىۋالسا، قولىڭىزنى سۇدا ئازراق ھۆل قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
تەييار قىلىپ بولغانلىرىنى بىردىنبىر تىزىپ قويىمىز.
چىنىدىن بىرنى تەييارلاپ، زەنجىۋىلنى بوزۇغا سۈرگەنگە ئوخشاش سۈرۈپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛ ياكى ئۇنى مىۋە سىقىش ماشىنىسىغا سېلىپ ئەزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كەينىدىن ئىزىپ تەييارلىغان زەنجىۋىلنىڭ ئۈستىگە ئىككى قۇشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
دوخوپكىنى قىزىتىپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت ماي سۈرىۋەتكەندىن كىيىن، مىفەن كومىلىچىنى تىزىمىز.
ئازراق ۋاقىت قاقلىغاندىن كىيىن، ئالدىدا تەييارلىغان زەنجىۋىل قىيامىنى چوتكا بىلەن مىفەن كومىلىچىغا بىردىنبىر سۈرۈپ چىقىمىز. بىر تەرىپى سەككىز ئۈلۈش پىشقاندىن كىيىن يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈپ داۋاملىق قاقلايمىز؛ زەنجىۋىل قىيامىنى ھەممە تەرەپلىرىگە تۇلۇق سۈرۈپ چىقىمىز.
ھەممە يۈزىنى تۇلۇق قاقلاشقا توغرا كىلىدۇ؛ شۇڭا، قارىماققا ئاددىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، سىز يېنىدا قاراپ تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.
ئۆيدە دوخوپكا بولمىسا، ئاستى تۈز چاپلاشماس قازاندا قىزىتىپ قاقلاپ پىشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بۇنىڭدىمۇ زەنجىۋىل قىيامى سۈرۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ ھەمدە ئوتنى بەك چوڭ ئېچىۋەتمەسلىك كىرەك.
دەسلىۋىدە مەن بۇنىڭغا بەك ئىرەنشىپ كەتمىگەن، بىراق يەپ تېتىپ كۆرگەندىن كىيىن، ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم.
مىنىڭ تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا، ئاستى تۈز چاپلاشماس قازاندا تەييار قىلسا تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. ھازىر يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، بالىلارغا بۇنى تەييار قىلىپ بەرسىڭىز، ئۇلار ئۇششاق يىمەكلىك ئورنىدا يەپ زىرىكىپ قالمايدۇ.