بالىلارنىڭ ئامرىقى—مەززىلىك قىلىپ داغلانغان بېلىق پارچىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 20183:ئادەم ئۆگەندى
   يۈزىگە بىر قەۋەت شىرە سۇۋاپ داغلىغان بۇ خىل بېلىق گۆشىىڭ تەمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، نىپىز بىر قەۋەت سىرتقى "تىرىسى" بېلىق گۆشىنى ئوراپ، سۇۋۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ناھايىتى چۈرۈك ھەم يىيىشلىك بولىدۇ. بۇ خىل داغلانغان بېلىق پارچىسى كىچىك بالىلارغا تەييارلاپ بىرىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان بولۇپ، ھەتتا چوڭلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىپ كىتىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   تىرىسكا بېلىقى(银鳕鱼)
شىرە تەييارلاش ماتىريالى
 20   گىرام ئۇن، 20گىرام قوناق كىراخمالى، بىر قوشۇق ياغ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ۋە تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى

    1. ئەگەر تېرىسكا بېلىقى توڭلىتىپ ساقلانغان بېلىق بولسا، ئۇنى چوكىغا ئۆتكۈزۈپ ئېسىپ قويۇپ ئىرىتىمىز؛
    2. ئىرىگەندىن كىيىن سۇدا بىر چايقىۋىتىپ، يۈز قىسمىدىكى سۈيىنى سىلكىپ پاكىزە قۇرۇتىمىز. كەينىدىن كىچىك-كىچىك پارچە قىلىپ توغراپ، ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ 15مىنۇت ئەتراپىدا تۇزلايمىز.
   3. بېلىق تۇزلىنىپ بولغۇچە شىرە تەڭشىۋالىمىز؛ ئالدى بىلەن ماي بىلەن تۇزنى ئارىلاشتۇرىمىز، كەينىدىن ئۇن، كىراخمال ۋە تۇزنى ئارىلاشتۇرىمىز، ئاخىرىدا سۇيۇقلۇق بىلەن ئۇن ھالىتىدىكى ئىككى خىل ماتىريالنى قوچۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىدىكى شىرە تەييارلايمىز.
    4. قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي 8-7ئۈلۈش قىزىتىمىز؛ بېلىق پارچىسىنى تەييارلىغان شىرىگە چىلاپ، يۈزىگە تۇلۇق بىر قەۋەت شىرە يېپىشتۇرغاندىن كىيىن، بىر پارچە-بىر پارچىدىن قازاندىكى مايغا سېلىپ، سارغىيىپ پىشقىچىلىك داغلايمىز.
ئەسكەرتىش:
   بېلىقنى چوكىغا ئۆتكۈزۈپ ئىرىتكەن ۋاقىتتا، بېلىقنىڭ سۇغا چىلىشىپ تەمىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛
   داغلىغان ۋاقىتتا، بېلىقنى قازانغا بىراقلا سالماي، بىر پارچە-بىر پارچىدىن سالىمىز؛ بولمىسا چاپلىشىۋالىدۇ؛

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号