باشقىچە تەييارلانغان بۇ ئۇماچقا بالىلارمۇ ئامراقكەن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 21644:ئادەم ئۆگەندى
    ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى بارغانسىرى ئۆسۈپ، ئەتىگەنلىكى سۈت بىلەن بولكىدا ناشتا قىلىدىغان بولدى. چۈنكى، كالا سۈتى تەملىك ھەم ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايدىغان بولۇپ، كالتسىي تۇلۇقلاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. بالىلار كالا سۈتىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە، تىرىسى ياخشى بولۇپلا قالماي، كالتسىي تۇلۇقلاش ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ، بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئەتىگەنلىك ناشتىلىق، يىڭىچى ئۇسۇلدا تەييارلانغان قوناق ئۇمىچى بولۇپ، تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق جەھەتتە كالا سۈتى ۋە پۇرچاق سۈتىدىن قېلىشمايدۇ.
    بۇ خىل ئۇماچنى ئۆزىمىز ئۆيدىلا تەييارلىۋىلىشقا بولىدۇ، سىرتتا تەييار قىلغان قوناق ئۇمىچىغا قارىغاندا تېخىمۇ پاكىزە بولىدۇ، خاتىرجەم ئىستىمال قىلالايمىز.
   ئالدى بىلەن قوناقنى ئاقلاپ يۇيۇپ، ئۇنى نەچچە بۆلەك قىلىپ توغرىۋالغاندىن كىيىن، قولىمىزدا ياكى پىچاقتا قوناق دانىچىسىنى مەدىكىدىن ئاجرىتىۋالىمىز؛ كەينىدىن قوناق دانىچىسىنى مىۋە شەربىتى سىقىش ماشىنىسىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئازراق ئىلمان سۇ قوشۇپ، سىقىپ شەربەت چىقارساق بولىدۇ.
   ئاخىرىدا، سىقىپ چىقىرىلغان شەربەتنى، سۈزگۈچتىن بىر ئۆتكۈزۈپ پاكىزە قازانغا قۇيۇپ، كىچىك ئوتتا ئاستا ئاستا قىزىتقاچ، ئۈستىگە بىر قۇتا كالا سۈتى قۇيىمىز ھەمدە قوشۇقتا توختىماي مالتىلاپ قازانغا چاپلىشىپ كۈيۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.  قايناپ چىققاندىن كىيىن، بىر مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىق قاينىتىپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
    بالىڭىز چوقۇم ئامراق بولۇپ قالىدۇ، سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ!

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号