كالا گۆشى ئۈگرىسى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى، لەنجۇ نىيۇرۇمىيەن بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە، بولۇپمۇ شىمال تەرەپتە، لەنجۇ نىيۇرۇمىيەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن. ئۇنداقتا، بۇ لەنجۇ نىيۇرۇمىيەننى كىمنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟
تارىخى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، لەنجۇ نىيۇرۇمىيەن دۆلىتىمىز تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا، بۇ تائامنىڭ ئىش تەرتىپى ۋە كېتەرلىك ماتېرىيالى كۆپ ھەم مۇرەككەپ بولغاچقا، ئىزچىل تۈردە پۇلدار پومىشچىك ئائىلىلەرنىڭ تائام يېمەكلىكى بولۇپ كەلگەن، ئاددىي پۇقرالار بولسا يىيەلمىگەن. كېيىن چىڭ سۇلالىسى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، لەنجۇدا ئاندىن تۇنجى بولۇپ نىيۇرۇمىيەن ئاشپۇزۇلى بارلىققا كەلگەن. تارىخى ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، لەنجۇ نىيۇرۇمىيەننى ئىجاد قىلغۇچىنىڭ ئىسمى چىن ۋىيجىڭ بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى جىياچىڭ خان دەۋرىدىكى گوزىجىيەن شاگىرتى ئىكەن.

چىن ۋىيجىڭ ئاق كۆڭۈل ھەم ساخاۋەتچى ئادەم بولۇپ، ھەرخىل تائام تەييارلاش ئۇسۇللىرىغا پىششىق ئىكەن ھەمدە بۇ سەۋەبلىك "خۇەيچىڭ تائام شاھى" دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىكەن. بېيجىڭ گوزىجىيەندە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، چىن ۋىيجىڭ ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرى قالدۇرغان نىيۇرۇمىيەن تەييارلاش ئۇسۇلىنى، دۇڭشاڭ مىللىتىدىن بولغان ساۋاقدېشى ما لىيۇچىغا ئۆگىتىپلا قالماي، ما لىيۇچىغا يەنە تۇرمۇش جەھەتتىنمۇ ياردەم قىلغان. كىيىنچە، ما لىيۇچى نىيۇرۇمىيەن تەييارلاش ئۇسۇلىنى لەنجۇغا ئېلىپ كىرگەن ھەمدە تىزلا داڭ چىقارغان.
ما لىيۇچى نىيۇرۇمىيەن تەييارلاش ئۇسۇلىنى لەنجۇغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، كونكرېتنى تەييارلاش ئۇسۇلى جەھەتتە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارغان، شۇڭا لەنجۇ رايونىدا داڭ چىقارغان. كىيىنچە، چىن خېشىڭ ۋە ما باۋزىدىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا، نىيۇرۇمىيەننىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى ۋە تەم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىيۇرۇمىيەننىڭ داڭقىنى يېڭىدىن بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. بىراق، ئۇ ۋاقىتتا لەنجۇ نىيۇرۇمىيەن دەپ ئاتالمىغان، بەلكى "قىزىق قازان كالا گۆشى ئۈگرىسى" دەپ ئاتالغان.

ئۇ ۋاقىتتىكى "قىزىق قازان كالا گۆشى ئۈگرىسى"، شورپىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شورپىسى كالا ۋە قوي جىگىرىنى پىشۇرغان شورپىغا، بەلگىلىك مىقداردا كالا گۆشى شورپىسى قوشۇپ تەييارلانغان. قىزىق قازان كالا گۆشى ئۈگرىسى، ئۇ ۋاقىتتا تەم ۋە رەڭ جەھەتتە ئۆزگىچە بولغانلىق ھەمدە باھاسى ئەرزان بولغانلىق سەۋەبىدىن، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئازادلىقتىن كېيىن، "قىزىق قازان كالا گۆشى ئۈگرىسى" دېگەن نام "لەنجۇ نىيۇرۇمىيەن" دەپ ئۆزگەرتىلىپ، لەنجۇدىكى بۇ خىل نىيۇرۇمىيەن تەييارلايدىغان ئاشپۇزۇللارمۇ تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلىغان. ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئەنئەنىۋى تائام زور دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارالغان.