مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش
9 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 85967:ئادەم ئۆگەندى

 

خام  ماتىريالى:قوي گۇشى500گىرام،سۇ يېغى250گىرام،سەۋزە 4 دانە،باش پىياز 1دانە،تۇخۇم 2تال ،كۆكمۇچ ،ئالقات ،گۈرۈچ بىرچىنە .

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،قارمۇچ،كىراخمال ،زىرە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي گۇشىنىڭ سوڭىكىدىن،300گىرام لوق گوشنى ئاجىرتىپ بىر پاش پىياز بىلەن يۇمشاق چاناپ .تۇز ،ئاقمۇچ،زىرە،قارمۇچ،كىراخمال سېلىپ،ئارلاشتۇرۇپ،تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلىۋالىمىز.سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،باشپىيازنىمۇ توغرىۋالىمىز.بىرﭼﯩﻨﻪ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ (چوڭراق ﭼﯩﻨﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﯘﻥ ) ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ ،(ئازراق گۇرۇچنى مەرۋايىت ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.مەرۋايىت قىلىش ئۇچۇن لومى گۇرۇچى تەۋسىيە قىلىنىدۇ)

پىشۇرۇش ئۇسۇلى:ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ 250 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻣﺎﻱ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﭼﯜﭼﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ( چوڭراق قوشۇقتا ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻗﻮﻱ ﻣﺎﻱ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ) ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ، ﮔﯚﺵ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺭﯗﭖ ، ( ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﯘﺯ ﺳﯧﻠﯩﭗ ) ﺗﻮﻏﺮﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﻳﻤﯩﺰ ، ﺳﯜﻳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ، ( ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﮔﯜﺭﯛﭼﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﺳﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﻳﯩﻴﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﺪﯗ ) ﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﯜﻳﻰ ﭘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ( ﺗﯘﺯﻯ ﺳﻪﻝ ﺋﯚﺗﯜﭘﺮﻩﻙ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ) ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ( ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺪﻩ )  ئىككى قۇشۇق شېكەرنى سىپىپ ،ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ15مىنۇت ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ، ﺳﯜﻳﻰ ﺗﯜﮔﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻛەﭘﻜۇﺮﻧﻰ ﺳﻪﯞﺯﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺭﯛﭖ ،  ﺋﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﯩﺮﺍﻕ ﻳﯩﻐﯩﭗ چۇكا ﺳﺎﻧﭽىپ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ،مەرۋايىتنى سېلىپ، ﺳﯧﻠﯩﭗ تۇۋاقنى يېپىپﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮬﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﺎ  2-3 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﯗﻣﻠﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ 20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﻳﯩﮕﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﭼﺴﺎﻕ ﺋﺎﺵ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﺸﯩﺪﯗ ، ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺧﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺳﺴﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

پولونى دۇملەپ پىشقىچە بولغان ئارلىقتا بىز مەرۋايىت كومىلاچنى تەييارلىۋالساق بۇلىدۇ.بىز بايامقى تەملەندۇرۇپ تەييارلىۋېلىنغان  گوشنى قاق«گۇلە»چوڭلىقىدا يۇملاق شەكىلگە كەلتۇرۇپ تەيارلاپ قۇيۇلغان گۇرۇچنىڭ ئۇستىدە دۇمۇلاتساق گۇرۇچ چاپلىشىدۇ .

تەكرار قىلىش ئارقىلىق ھەمىسىنى تەييارلىۋېلىپ قاسقانغا 20مىنۇت دۇملىسەك مەرۋايىت كومىلاچ تەييار بۇلىدۇ .بۇنى پىشقان پولونىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ بىرگە ئىستىمال قىلىمىز .

ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۈۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈل بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ. 

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﻪﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

پاچاق پولو سىناق

گوش سەۋزە، گۇرۇچ، پىياز

مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش

مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش خام ماتىريالى:قوي گۇشى500گىرام،سۇ يېغى250گىرام،سەۋزە بەش دانە،باش پىياز ئىككى باش.گۇرۇچ بىريېرىم چىنە. ت

قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى

خام ماتېرىيالى :گۈرۈچ ،سېرىق سەۋزە 1.2كىلو،قىزىل سەۋزە800 گىرام،لوق گۆش بىر 1.5 كىلو،قوينىڭ سوڭىكى 2 كىلو،ياغ 300 گىرام،كالا سوڭىكى بىر دانە ئ

نورۇز ئېشىنى تەييارلاش ئۇسۇلى

نورۇز ئېشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› پائالىيىتىدە ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئالاھىدە تائامدۇر

قېرىنقۇلاق بىلەن قورۇلغان ئاق دۇملىمە

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۇرۇچنى 3~4 قېتىم سۇدا پاكىز توك قازانغا سېلىپ گۈرۈچ بىرلىك(بىر سانتىمېتىر ) چوككىدەك سۇ قۇيۇپ ئازراق تۇز سېلىپ بىر نەچچ

سىڭدۈرمە تەييارلاش ئۇسۇلى

سىڭدۈرمە، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇش، سىڭىشلىك بولۇش، سىرتقى كۆرۈنۈشى رەڭلىك ھەم كۆركە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号