ياشانغاندا كۈتۈنۈش
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 29689:ئادەم ئۆگەندى

    ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئۆز بەدەن ساغلاملىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى؛ بولۇپمۇ ياشانغانلار، تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بىرىپلا قالماي، كۈتۈنۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىدىغان بولدى. بۇ سەۋەپلىك ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كۈتۈنۈش رىسالىلىرى بارلىققا كىلىپ، ياشانغانلارنى ئاسانلا خاتا يولغا باشلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.  ئەمىلىيەتتە ياشانغانلار كۈتۈنۈش توپلىمىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە " ئىھتىياتچانلىق" تۇر.

يىمەكلىكتە ئېھتىيات قىلىش:

   ياشانغانلار كۈتۈنۈش توپلىمىدىكى" تەملىك يىمەكلىكلەر كۆپىنچە كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ، يىمەكلىكتە ئىھتىيات قىلساق ئاپەتلەردىن ساقلىنىپ قالالايمىز" دىگەن بۇ بىرجۈملە سۆز ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى :" ياشانغانلار يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازان-ئۈچەيلىرى ئاجىزلاپ كىتىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ناچارلاپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر ياشانغانلار ئادەتتە چوقۇم تاماق يىيىش ۋاقتىنى ياخشى كونتىرول قىلىشى كىرەك دەپ كۆرسەتكەن؛ يەنى ئازراق قورساق ئاچقانلىقىنى ھىس قىلغان ھامان تاماق يىيىش، ئەمما تويۇنۇپ زىيادە كۆپ يىمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى مۇقىم بىر ۋاقىتنى تاللاپ شۇۋاقىتتا تاماق يەپ ئادەتلىنىشى كىرەك. ئۇندىن باشقا تاماق يىيىش سۈرئىتى بەك تىز بولۇپ كەتمەسلىك، ئاستا-ئاستا ياخشى چايناپ يىيىش، ھەر ۋاخلىق تاماق يىيىش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كىرەك. ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر تاماقنى تىز يىگەندە ئاسانلا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى سوغۇق سەي ۋە قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كىرەك.

دورا يىيىشتە ئېھتىيات قىلىش:

   ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى: ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ۋە بۆرەكنىڭ زەھەرنى چىقىرۋىتىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كىتىدۇ؛ ئەگەر جىددى ئېھتىياجلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئادەتتە ئىمكان قەدەر ئاز دورا ئىچىش كىرەك، كۆپ خىل دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشتىن تېخىمۇ ساقلانماق لازىم. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ئىمكان قەدەر زۇكام بۇلغان ھامانلا ئانتىبىئوت ئىشلەتمەسلىكى، زۇكام بولۇپ قالسىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوكۇل ئۇرغۇزۇشتىن تېخىمۇ ساقلىنىشى كىرەك ئىكەن؛ چۈنكى دورىنى كۆپ يەۋەلغاندا، ئوكۇلنى كۆپ ئۇرغۇزغاندا ئاسانلا دورا تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.

   نۇرغۇن ياشقا چوڭ كىشىلەر جوڭگۇ تىبابىتى دورىلىرىنىڭ بەدەنگە بولغان ئەكىس تەسىرى ئاز دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىشى مۇمكىن، دورىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچ ئۈلۈش زەھەرلىك كىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى غەرپچە دورا بولسۇن ياكى جوڭگۇ تىبابىتى دورىلىرى بولسۇن، ئىمكان قەدەر ئاز ئىشلەتكەن ياخشى. ئۇندىن باشقا قۇۋۋەت دورىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئىستىمال قىلساق، ساغلام قىلىش تەسىرى كۆرسىتىش ئوياقتا تۇرسۇن، تېخى ئادەم تەن ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولىدۇ؛ قۇۋۋەت تۇلۇقلىشىڭىز زۆرۈر بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش لازىم.

ھاياجانلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىش:

    نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەر يېشى چوڭىيىپ قالغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ روھى كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشىيەلمەي، ھەمىشە پىسخىك تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتمە بىرىدۇ: كەيپىياتتا ئاسانلا زىيادە ھاياجانلىنىش، ئەزەلدىن ياشانغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى؛ بولۇپمۇ يۈرەك كىسىلى ۋە يۈرەك مىڭە قان تومۇر كىسەللىرىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى كونتىرول قىلىشى تېخىمۇ زۆرۈر بولىدۇ.

   ئادەتتە، زىيادە ھاياجانلىنىش ئادەمنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىدۇ، ئەسلىدىنلا قېتىشىشقا باشلىغان يۈرەك مىڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىپ قان چىقىدۇ ۋە بۇ سەۋەبلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ياشانغانلار قانداق كۈتىنىشى كىرەك؟ ياشانغانلارغا نىسبەتەن، ياخشى بولغان روھى كەيپىياتىنى ساقلاش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ياشانغانلار تەن ساغلاملىقىنى ساقلاش ئەلۋەتتە مۇھىم، ياخشى بىر روھى كەيپىياتىنى ساقلاش تېخىمۇ مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، ھەر كۈنى روھى كەيپىياتىنى تەڭشەپ تورۇش، سىرتلارغا چىقىپ سەيلە قىلىش، بىلىق بېقىش، گۈل پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى بەخىت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك.

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب

رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەست

ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟

ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ،

قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلى

ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى

1. كېسەللىك تارىخى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى

باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号