ئەرلەر نىمە ئۈچۈن ئاشنا تۇتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7237:قېتىم كورۇلدى
    ئەرلەر نىمىشقا ئاشنا تۇتىۋىلىشقا ئامراق؟ ئىشىنىمەنكى، بۇ نۇرغۇنلىغان ئاياللار جاۋاپقا ئىرىشىشنى ئويلايدىغان بىر مەسىلە. باشلىنىشتا ئەر كىشى سىزنى شۇنچە بەك ياخشى كۆرىدۇ، بىراق نىمە ئۈچۈن توي قىلغاندىن كىيىن، سىرتلاردا ئاشنا تۇتىۋىلىشتەك بۇنداق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ؟ بۇنىڭدا ئەر كىشىنىڭ شاللاق تەبىئىتىدىن باشقا تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، سىزنىڭ ئۈچىنچى شەخىس بىلەن بولغان پەرقتۇر. تۆۋەندە ئەرلەرنىڭ ئاشنا تۇتىۋىلىشىدىكى بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەپلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
1. ئۈچىنچى شەخىس ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان كىلىدۇ.
    ئەرلەر بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن ھېرىپ-چارچاپ قايتىپ كىلىپ، ئۆيدە يەنە ئايالىنىڭ كوتۇلداشلىرىنى ئاڭلاشتىن قورقىدۇ. بىراق "ئۈچىنچى شەخىس" ئادەتتە كۆپىنچە، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى بىلىدىغان بولۇپ، ئەرلەرگە ئىھتىياجلىق بولغان كۆيۈنۈش بىرىپلا قالماي، يەنە مۇۋاپىق تۈردە ئۇلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە ياردەم بىرىپ، ئۇلارنىڭ روھى جەھەتتىكى بېقىندىسىغا ئايلىنىدۇ.
2. ئۈچىنچى شەخىس ئەرلەرگە مۇھەببەتلىشىش تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ.
    ئۈچىنچى شەخىس، ئۆيدىكى خوتۇنغا ئوخشاش، يۈزىگە چاپلاق چاپلاپ، ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن قېلىپ قالغان تەنھەرىكەت كىيىمىنى كىيىپ ئولتۇرۇپ تېلىۋىزىيە فىلىمى كۆرمەيدۇ. بىراق ئۈچىنچى شەخىس بولسا، ئەر كىشى قايتىپ كىلىشتىن بۇرۇن يۈزىگە چاپلايدىغاننى چاپلاپ تۈگىتىپ، چىرايلىق ئىچ كىيىم كىيىپ ۋە كىنو پىلاستىنكىلىرىنى تەييارلاپ، ئەر كىشى كەلسە بىللە كۆرۈش ئۈچۈن تەييار بولۇپ ئولتۇرىدۇ. ئەجەبلىنەرلىك يىرى، ئەگەر ئەر كىشى ئۆيگە ئاۋال قايتىپ كىلىپ، ساقاللىرىنى ئېلىپ، يۇيۇنۇپ ھەم ئۇخلاش كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كىنو-فىلىم پىلاستىنكىلىرىنى تەييارلاپ، ياخشى كۆڭلى بىلەن ئايالىنى بىللە كۆرۈشكە چاقىرسا، ئايالى ئىرىنىڭ قىلمىشىنى چۈشىنەلمەي، ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ كوتۇلداپ كىتىدۇ؛ بۇ خىل ئەھۋال ئەرلەرگە پەرق تۇيغۇسى بىرىپ قويىدۇ.
3. ئۈچىنچى شەخىس ھەدىسىلا تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ باش ئاغرىتمايدۇ.
    ئۈچىنچى شەخىس، ئەركىشى ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ئۇنىڭغا تۇرمۇشتىكى چەككۈ-چۈككۈ ئىشلارنى ۋە كۆڭۈل بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ باش ئاغرىتمايدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئەر كىشى قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ مۈرىلىرىنى ئۇۋلاپ، ئۇلارنى باغرىغا باسىدۇ. ئۆيدىكى ئايال بولسا، ئادەتتە تېخىمۇ كۆپ ئېغىزىغا ئالدىغىنى، تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىز ئىشلار بولۇپ، ئەرلەرگە ئازراقمۇ مۇھەببەتلىك ھىسيات تۇيغۇسى بەرمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۈچىنچى شەخىس قانداقمۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىۋالماي تۇرالىسۇن؟
4. ئۈچىنچى شەخىس ئەرلەرگە نىكاھتىكىگە ئوخشاش چەكلىمە ئەكەلمەيدۇ.
    نۇرغۇن ئەرلەر، توي قىلغاندىن كىيىن نىكاھتىن كەلگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ؛ مەسىلەن ئەركىنلىك جەھەتتىكى چەكلىمە، ئىدىيە جەھەتتىكى چەكلىمە، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى پۇل جەھەتتىكى چەكلىمە. ئەگەر ئاياللار ئەر كىشنىڭ پۇل قاپچۇقىنى بەك چىڭ باشقۇرۋالسا، ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ؛ مەسىلەن پۇل يۇشۇرۇش دىگەندەك؛ بۇ ئەھۋال بولسا، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نىكاھ مۇناسىۋىتىگە دەز يەتكۈزىدۇ. ئۈچىنچى شەخىس بولسا، ئەلەرنىڭ يۇقىردا سۆزلەنگەندەك چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى نىشانىدۇر؛ بىرىنچىدىن، ئەرلەر ئۈچىنچى شەخىس ئارقىلىق پۇل خەجلەشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئەرلەر ئۈچىنچى شەخىس ئارقىلىق مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئەرلەر ئۈچىنچى شەخىس ئارقىلىق مۇھەببەت ئەركىنلىكى تۇيغۇسىغا ئىرىشىدۇ. بۇ نوقتىلارنىڭ ھەممىسى، ئۆيدىكى خوتۇنلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىشى لازىم بولغان مەسىلىلەردۇر.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号