قورامىغا يەتكەنلەر ئارىسىدىكى ئالاقە مۇناسىۋەت، چەكتىن ئېشىپ كەتمەي لايىقىدا بولۇشقا ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدۇ. ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ قويۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇلار بەلكىم تۆۋەندىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
مۇھەببەت مۇناسىۋىتىدىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
1. ناگاندا بىر كىچىكىپ قالسىڭىز مەيلى، ئەمما ھەممە قېتىمدا كىچىكىۋىرىشكە بولمايدۇ.
2. يات جىنىسلىق دوستىڭىز بولسا ھېچقىسى يوق، ئەمما ئارىلىق بەك يېقىن بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك.
3. ئۇچۇرنى شۇ ھامان قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما پۈتۈن بىر كۈن قايتۇرماي يوقاپ كەتمەڭ.
4. قىلغان گىرىمنى چىرايلىقكەن دەپ ماختاشقا بولىدۇ، ئەمما گىرىم قىلمىغان ھالەتتىن قۇسۇر تېپىپ چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ.

5. زىددىيەتلىشىپ قېلىشقا بولىدۇ، ئەمما سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىشقا بولمايدۇ.
6. تالاش تارتىش كۆرۈلگەندە داۋالى سۆزلىسەك بولىدۇ، ئەمما "چوڭ داۋلىلار"غىلا ئېسىلىۋىلىشقا بولمايدۇ.
7. يانفونىڭىزنى ئاختۇرمىسام بولىدۇ، ئەمما مەندىن بىرەر ئىشنى يۇشۇرسىڭىز بولمايدۇ.
8. مەن تەشەببۇسكارراق بولسام بولىدۇ، ئەمما سىز ئىزچىل تۈردە پاسسىپ ھالەتنى ساقلىۋالماسلىقىڭىز كىرەك.
9. ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىز كىرەك، ئەمما ھەممىلا ئادەمگە ماڭا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولسىڭىز بولمايدۇ.
10. مىنىڭ كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما مىنى باشقىلارنىڭ ئوغۇل(قىز) دوستىغا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
11. رومانتىكىلىق بولمىسڭىز مەيلى، ئەمما چىن كۆڭۈل بەرمىسىڭىز بولمايدۇ.
12. مۇھەببەتكە ساداقەتمەن بولغىنىڭىز ياخشى، ئەمما ساداقەتمەن بولدۇم دەپ، ئىلگىرىكى قىز دوستىڭىز بىلەن ئۈزلۈشەلمەي يۈرسىڭىز بولمايدۇ.
ئىجتىمائى ئالاقە جەريانىدىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
1. سىزگە يانفون ئالبومىدىكى مەلۇم بىر پارچە رەسىمنى كۆرسەتسەم بولىدۇ، ئەمما سىز ئۆزىڭىزچە ئوڭ-سولغا تارتىپ باشقا رەسىملەرنى ئاختۇرسىڭىز بولمايدۇ.
2. يېنىمدا ئولتۇرسىڭىز مەيلى، ئەمما يانفون ئىكرانىمغا ئوغۇرلۇقچە قارىماڭ.
3. نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغىنىمنى سورىسىڭىز بولىدۇ، بىراق قانچە پۇل مائاش ئالىدىغىنىمنى سورىسىڭىز بولمايدۇ.
4. مىنىڭ مۇھەببەت ئەھۋالىمنى سورىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما توي قىلىش ياكى بالىلىق بولۇشقا قىستاشقا بولمايدۇ.
5. ماڭا ھاراق تۇتسىڭىز مەيلى، ئەمما ھاراققا زورلىماڭ.
6. مەندىن بىرەر نەرسە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز مەيلى، ئەمما سورىمايلا ئۆزىڭىز خالاپ ئالماڭ.

7. مەن مۇۋاپىق ھالدا يول قويسام بولىدۇ، ئەمما ئاخىرقى چەك سىزىقىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.
8. مەندىن ئاغرىنىپ نەچچە ئېغىز كوتۇلداپ قويسىڭىز مەيلى، ئەمما ئۆزىڭىزنى بېسىۋالالماي سۆزلەپ كەتمەڭ.
9. ئۆزۈمگە تەۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىش ھەقلىق، ئەمما ماڭا يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىتىمەن دىمەڭ.
10. چاقچاق قىلسىڭىز بولىدۇ، بىراق چەكتىن ئاشۇرۋەتمەڭ.
11. مەن كۆزىڭىزگە سىغمىسام ھېچقىسى يوق، ئەمما كەينىمدىن گەپ تاپماڭ.
12. مىنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ تۇتۇۋالماڭ.
13. مىنىڭ قىزىقىشىمغا بويسۇنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما قىزغىنلىقىمغا سۇ سەپمەڭ.
14. مىنىڭ قارىشىمنى قوللىمىسىڭىز مەيلى، ئەمما مىنى ھۆرمەتلىشىڭىز كىرەك.