قىزلىقىنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتماقچى بولغان قىز
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6627:قېتىم كورۇلدى

    ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى" 6-دىكابىر خەۋرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدىن بولغان 18 ياشلىق قىز جادى، ئۆزىنىڭ قىزلىقىنى توردا كىم ئاشتى قىلىپ سېتىپ، بىرمىليۇن 500مىڭ فوندسىتىرلىك(13مىليۇن 190مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) توپلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى بار بولۇپ، ئۆزىنى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىنىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
    ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، سودا شۆيەنىدە ئوقۇۋاتقان جادىنىڭ قىزلىقىنىڭ كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش باشلىنىش باھاسى 100مىڭ فوندسىتىرلىك(تەخمىنەن 880مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) ئىكەن. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇ ئانىسىنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قىزلىقىنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشنى قارار قىلغان. جادىنىڭ ئانىسى بويتاق ئانا بولۇپ، جادىنى يۈرۈش تۇرۇشى جايىدا، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلىگەن، شۇڭا جادى بۇ ئارقىلىق ئانىسىنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرماقچى بولغان. جادى ھازىرچە بويتاق بولۇپ، ئۇ ئۆگىنىشكە زىيادە بىرىلگەنلىك سەۋەبىدىن، ھازىرغا كەلگۈچە ھېچقانداق ئۇغۇل بالا بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشتىن كىرگەن ئاخىرىقى كىرىم، جادىنىڭ ئانىسىنىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرۇشتىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشى ئۈچۈن كىتەرلىك بولغان خىراجەتلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن. جادىنىڭ كارخانىچى بولۇش ئارزۇسى بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۆزى شىركەت قۇرۇپ تەرەققى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن؛ بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ يەنە دۇنيانى ساياھەت قىلىش ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇسى بار ئىكەن.
    جادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇقېتىملىق كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشتا، ئۇ ئاخىرىدا خېرىدار بولۇپ يىڭىپ  چىققۇچىنىڭ پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى، ئارتىس ياكى ئۆزىنىڭ ئىگىلىكى بار كارخانىچى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن؛ بۇنىڭدا ئۇلار جادىنىڭ كەلگۈسى نىشانلىرىغا قارىتا تەكلىپ-پىكىر بىرەلەيدىكەن. جادى ئەڭ ئاخىرىدا خىرىدار بولغۇچىنىڭ لوندونغا كىلىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر قارشى تەرەپكە دوختۇرلار چىقارغان "قىزلىق ئىسپاتى"دىن بىر نۇسخا بىرىشنى ئويلاشقان.
   جادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پەقەت كۆز ئالدىدىكى ئىشلاردىنلا ئەنسىرەيدىغان بولۇپ، بۇ قىلمىشىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاشمىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر كەلگۈسىدىكى ئوغۇل دوستى، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى قوبۇل قىلالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ جادىنىڭ كۆڭلىدىكى "شاھزادىسى" بولالمايدىكەن. بۇ قېتىملىق قىزلىقىنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش قىلمىشى، جادىنىڭ تۇرمۇشتا ئىگە بولۇشنى ئويلايدىغان نەرسىلىرىگە ئىرىشىش ئۈچۈن، ئۆزى قارار چىقارغان تاللاش بولۇپلا قالماي، يەنە  چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشى ئىكەن.

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号