ئاياللارنىڭ سىزگە كۆڭلى بولسا، بۇ ئۈچ خىل كۆرسەتمە بىرىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8220:قېتىم كورۇلدى
     ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەرلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلمەسلىك. ئايال كىشى ئىنىقلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، سىز بىلەن مۇھەببەتلەشكىسى بار بولسىمۇ، ئەمما سىز يەنە ھېچىنىمىنى ئۇقالماي يۈرىيسىز، ھەتتا ئاياللارنى قولغا كەلتۈرمەك بەك تەسكەن دەپ ئويلايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە مۇھەببەتلىشىشكىمۇ كاللا كىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز بۇ جەھەتتە تەپەككۇر قىلىپ ياخشى ئويلانمىسىڭىز، سىز باشلىنىشتىلا ئۇتتۇرۇپ قويىسىز. بۇنىڭغا قارىتا مەن تۆۋەندىكىدەك يەكۈننى خۇلاسىلاپ چىقتىم: ئەگەر ئاياللار سىزگە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل كۆرسەتمە بەرسە، ئۇنداقتا بۇ ئۇلارنىڭ سىزگە كۆڭلى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
1. مىنىڭ ياسىنىشىم چىرايلىقمىكەن؟ سىز مەندەك قىزلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ 
    ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، سىزگە كۆڭلى بار بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئايال سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشىڭىزغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ سىزگە بەرگەن بىرىنچى تەسىراتىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىنچە بۇنداق ۋاقىتلاردا سىزگە چوقۇم كۆرسەتمە بىرىدۇ؛ ئاياللار ئۆزلىكىدىن سىزدىن " مىنىڭ ياسىنىشىم چىرايلىقمىكەن؟ سىز مەندەك قىزلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟" دەپ سورايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئاياللارنىڭ بۇ سۇئالى، سىزنىڭ جەزىملەشتۈرگەن جاۋابىڭىزغا ئىرىشىشىڭىزنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۇنى ئىتراپ قىلىشىڭىزنى، سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئويلىغان بولىدۇ.
2. سىز مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويالامسىز؟ ئۆيۈمدىكى لامپۇچكا كۆيۈپ كەتكەن، سىز ماڭا رىمونت قىلىپ بىرەلەسىزمۇ؟
    ئەگەر بىر ئايال كىشىنىڭ سىزگە كۆڭلى بار بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەردائىم سىز بىلەن بىرگە تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا بەزىدە سىزنى كۆرەلمەي قالسا سىزنى سېغىنىپ كىتىدۇ. شۇڭلاشقا سىلەر بىللە ئۇچرىشىشقا چىققان ۋاقتىڭلاردا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە كۆسەتمە بىرىپ، سىزگە "مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويالارسىزمۇ؟ ئۆيۈمدىكى لامپۇچكا بۇزۇلۇپ قالغان، سىز ياردەملىشىپ رىمونت قىلىشىپ بىرەلەسىزمۇ؟" دىگەندەك كۆرسەتمىلەرنى بىرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى بارلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بىرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىشىڭىز كىرەك.
3. مەندە كىنو بىلىتىدىن ئىككىسى بار ئىدى، ماڭا ھەمرا بولۇپ بىرگە بېرىشىپ بىرەلەمسىز؟
    ئەگەر ئايال كىشىنىڭ سىزگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغان بولسا، ئۇ ئادەتتە سىزنىڭ ھەمراھ بولۇشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلار سىزگە چوقۇم كۆرسەتمە بىرىدۇ؛ مەسىلەن، "مەن كىنو بىلىتىدىن ئىككىنى سېتىۋالغان، ماڭا ھەمرا بولۇپ كىنو كۆرۈشۈپ بىرەلەمسىز؟" دىگەندەك، ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار ئارقىلىق سىزگە كۆرسەتمە بىرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سىزگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، سىزنىڭ ھەمراھ بولۇشىڭىزنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر.

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号