سەتلىكىدىن كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئايال
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7232:قېتىم كورۇلدى
     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا يەرشارى ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قاراشلىرى بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر قانداق بىر يىڭىلىق كىشىلەر تەرپىدىن ئاسانلا قوبۇل قىلىناتتى. ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك "غەلىتە" ئىشلارغا بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ھەر خىل غەلىتە ئىشلارنى كۆرگەزمىگە چىقىرىدىغان ئىشلار ناھايىتى بەك ئالقىشقا ئىرىشىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى.
    شۇ ۋاقىتلاردا، ئۆزگىچە بىر سىرىك ئۆمىكى پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا داڭ چىقارغان؛ بۇ سىرىك ئۆمىكىنىڭ ئالاھىدە يىرى، ئۇلارنىڭ كۆرگەزمىگە قويىدىغىنى ھايۋاناتلارنىڭ كۆرسەتكەن ئويۇنلىرى  بولماستىن، بەلكى ئىنسانلار ئورۇنلىغان نومۇر، يەنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆرۈمسىز دەپ نام ئالغان بىر ئايال كىشىنىڭ كۆرسىتىدىغان ئويۇنى ئىدى.
    بۇ، مىكسىكىنىڭ شىنارويا شىتاتىدا تۇغۇلغان بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى جۇلىيا؛ ئۇ تۇغۇلما ئىرسىيەت خارەكتىرلىك بەدەننى تۈك قاپلاپ كىتىش كىسىلى ۋە چىش مىلىكى ئۆسۈپ كىتىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ پۈتكۈل بەدىنىنى تۈك قاپلاپ، قولاقلىرى ۋە بۇرنى زىيادە يوغىناپ كەتكەن؛ ئۇنىڭ كالپۇكلىرىمۇ ناھايىتى قېلىن بولۇپ، زاڭىقى ئالدىغا بۈرتۈپ چىققان ھەمدە چوڭ بولغانسىرى قەدىمى ئىپتىدائى ئادەملەرگە ۋە شىمپانزىغا ئوخشاپ قالغان.
    ئۇنىڭ قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنى "غەلىتە مەخلۇق" دەپ قارىغان، بەزىلەر ھەتتا ئۇنى ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بىر خىل كەم ئۇچرايدىغان جانلىق دەپ قارىغان. بىراق بىر ئەر كىشىنىڭ پەيدا بولۇشى، جۇلىيانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن؛ ئۇ ئەركىشى جۇلىيانى سېتىۋىلىپ، ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتكەن ھەمدە كىيىنچە ئۇنى ئەمرىگە ئالغان.
    جۇلىيا ئەسلىدە ئاخىرى مىنىڭ سىرتقى قىياپىتىمگە ئىتىبار بەرمەي، مىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە يولۇقتۇم دەپ ئويلىغان؛ بىراق ئەمىلىيەت ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئەركىشى ئۇنى پەقەت پۇل تاپىدىغان قورال ئورنىدا كۆرگەن، ھەتتا جۇلىيا تۇغۇتى قىيىن كىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ئەركىشى جۇلىيا ۋە جۇلىيانىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ جەسىتىنى كۆرگەزمە ساندۇقىغا سېلىپ، دۇنيانى ئايلىنىپ كۆرگەزمە قىلغان؛ ئادەمنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغىنى، ئۇ ئەر كىشى ئۇزۇن ئۆتمەي، چىرايى جۇلىياغا ئوخشاپ كىتىدىغان يەنە بىر ئايال كىشىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن جۇلىيانىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان جەسىتى ئالدىدا نومۇر ئورۇنلاشقا سالغان.
    يېقىنقى يىللاردا، مىكسىكا خەلقى جۇلىيانىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كىلىش توغرىسىدا نامايىش قوزغىغان؛ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، جۇلىيانىڭ جەسىتى ئاخىرى 2013-يىلى 2-ئايدا مىكسىكىغا قايتۇرۇپ كىلىنىپ دەپنە قىلىنغان.
دۇنيادىكى ھەر بىر جانلىق، ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ!

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号