تۇغماس ئايال، تەكشۈرۈش جەريانىدا "ئەر كىشى" چىقىپ قالدى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7114:قېتىم كورۇلدى
    توي قىلىپ بالىلىق بولۇش، ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ ئۆمرىدىكى ئادەتتىكى بىر ئىش؛ ئەمما ھەممىلا ئايال كىشى توي قىلغاندىن كىيىن، ئوڭۇشلۇق ھالدا پەرزەنت يۈزى كۆرەلەيدىغان ئەمەس. بەزىلەر بەلكى تۇغۇلما تۇغماس بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر بولسا ھەر خىل كىيىنكى مەزگىللىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھامىلدار بولالماي پەرزەنتلىك بولالمايدۇ. خۇنەن شىياڭ تەندىكى شىياۋ خۇي توي قىلىپ بىر يىلدىن ئاشقاندىن كىيىنمۇ بويىدا قالمىغانلىقتىن، ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن، ئەمما تەكشۈرتۈش جەريانىدا ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان بىر نەتىجىگە ئىرىشكەن.
   شىياۋ خۇي بۇ 26 يىل  ياش بولۇپ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندىن كىيىن، دوختۇرلار شىياخۇينىڭ "ئەر كىشى" ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ زادى قانداق ئىش ئەمدى؟ شىياۋ خۇي ئىنىقلا ئايال كىشى تۇرسا؟ دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرگەن نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىياۋ خۇينىڭ بەدىنىدە 46xy خىروموسومى(ئادەم بەدىنىدىكى جىنسىيەت ئايرىمىسىغا مۇناسۋەتلىك بىر خىل گېن) بولۇپ، بىئولوگىيە ئىلمىدە "ئەر كىشى" دەپ ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. شىياۋخۇي بۇ نەتىجىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي، خۇنەن ئۆلكىلىك ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش قىلدۇرغان؛ بىراق نەتىجىسى يەنە ئوخشاش چىققان بولۇپ، ئۇنى "غەلىتە شەكىللەنگەن قوش جىنىسلىق" ئادەم دەپ ھۆكۈم قىلغان.
    ئۇنداقتا شىياۋخۇينىڭ بۇ ئەھۋالى ئىلگىرى نىمە ئۈچۈن بايقىلىپ چىقمىغان؟ ئەسلىدە ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇنجى قېتىملىق ھەيىز كىلىپ بولغان ۋاقىتتا، 15 ياشقا كىرىپ قالغان شىياۋخۇينىڭ تېخى تۇنجى قېتىملىق ھەيىزى كۆرۈلمىگەن؛ ئۇ ۋاقىتتا ئۆيىدىكىلەر شىياۋخۇينى ئېلىپ دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما شىياۋخۇينىڭ سىرتقى قىياپەت ئالاھىدىلىكى باشقا قىزلارنىڭكىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمىگەچكەم دوختۇر ئۇنىڭغا فلاۋون ئىچىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان؛ شىياۋخۇي بىر مەزگىل فلاۋون ئىچكەندىن كىيىن، تۇنجى قېتىملىق ھەيىزمۇ كەلگەن، شۇڭلاشقا ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق بىنورماللىق يوقكەن دەپ قاراپ، قايتا تەكشۈرۈش قىلمىغان. ئۆتكەن يىلى شىياۋخۇي ئىرى بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ھېچبىر قورساق كۆتۈرەي دىمىگەن؛ بۇ سەۋەپلىك دوختۇرخانىغا كىلىپ تەكشۈرتكەن بولۇپ، نەتىجىدە "غەلىتە شەكىللەنگەن قوش جىنىسلىق ئادەم" دەپ دىئاگونوز قويۇلغان.
   شىياۋخۇينى تەكشۈرگەن دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىياۋخۇيدا گەرچە ئاياللاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئادەتتىكى  ئالاھىدىلىكلەر، يەنى ئەمچەك، تاشقى جىنسى ئەزا، جىنسى يول، بالىياتقۇ، تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى قاتارلىقلار بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەدىنىدە ئەرلىك خىروموسومى xy بار بولغانلىقتىن، ھەقىقەتەن "غەلىتە شەكىللەنگەن قوش جىنىسلىق ئادەم" ھىسابلىنىدىكەن، بىئولوگىيە ئىلمىدا بولسا، جىنسى ئەر كىشى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. بۇلاردىن باشقا، شىياۋخۇينىڭ تېنىدە گەرچە بالىياتقۇ بولسىمۇ، ئەمما تۇلۇق يىتىلگەن ئەمەس، ئۇنىڭ تېنىدە يەنە يۇشۇرۇن ئۇرۇقدان بار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ جىنسى بېزىنىڭ تۇلۇق يىتىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى بىرلا ۋاقىتتا ئەر، ئايال ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ قالغان ئىكەن.
    دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، شىياۋخۇينىڭ بەدىنىدىكى جىنسى بەزنى داۋاملىق قالدۇرغاندا، راكقا ئۆزگىرىپ كىتىپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ جىنسى بېزىنى كىسىپ ئېلىۋىتىش كىرەك ئىكەن؛ جىنسى بېزى كىشىپ ئېلىۋىتىلگەندىن كىيىن، ئاياللىق گورمۇنىدىن پايدىلىنىپ شىياۋخۇينىڭ بالىياتقۇسىنى غىدىقلاپ، ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا يىتىلىپ، نورمال ئاياللارنىڭكىگە ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىككە ئەكەلگىلى بولىدىكەن. ئاخىرىدا، بالىياتقۇ تۇلۇق يىتىلىپ بولغاندىن كىيىن، ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش ياكى پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىغا يىتەلەيدىكەن.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号