ئالمىنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ئۈنۈم تەسىرلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 59650:ئادەم ئۆگەندى
     تۆت چوڭ مىۋىنىڭ ئالدى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالما ئادەم بەدىنى ئېھيىتاجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنى تۇلۇقلىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يوقىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئۈنۈم تەسىرلەرگە ئىگە.
1. ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
    ئالما تەركىبىدە مول بولغان سىنىك ماددىسى بار؛ سىنىك ماددىسى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ خىل ئىنىزىملارنىڭ بىرىكىش تەركىبى بولۇپ، ئۇ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئانتىتېلا ھاسىل قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛بۇندىن باشقا، سىنىك ماددىسى ئادەم بەدىنى ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان مۇھىم ماددا ھەم يادرو كىسلاتاسى ۋە ئاقسىلنىڭ شەكىللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، يادرو كىسلاتاسى ۋە ئاقسىلنىڭ تولۇقلىنىشى، ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالمىنى كۆپرەك يەپ بىرىش، ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
2. تاجىسىمان يۈرەك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
    ئالما تەركىبىدە پولىساخارىدلىق مىۋە كىسلاتاسى ۋە فىلاۋونوئىد، كالىي ئىلمىنتى، ۋىيتامىن C، ۋىيتامىن E قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرى بار بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى پارچىلاپ، بەدەننىڭ زىيادە سەمىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئازلىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئالما تەركىبىدىكى مىۋە كىسلاتاسى ۋە ۋىيتامىنلارنىڭ ئادەمنىڭ تىرىسىنى يۇمران سىلىق قىلىدىغان رولى بار بولۇپ، قېرىلىق داغلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەينىگە سۈرىدۇ.
3. خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    ئالما تەركىبىدىكى مىۋە كىسلاتاسى ۋە ۋىيتامىنلىق ماددىلار، خولىستىرىننى ئۈنۈملۈك ھالدا سۈمۈرۈپ ئۆزىگە چاپلاشتۇرۇپ، تەرەت بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتەلەيدۇ؛ بۇنىڭدا قاندىكى خولىستىرىننىڭ مىقدارى ئۈنۈملۈك ھالدا ئازىيىپ، ئارتىرىيە قېتىشىش ۋە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ يۈز بىرىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئالما يەپ بەرگەندە يەنە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە خولىستىرىننىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىغا يېغىلىپ چۆكمە ھاسىل قىلىپ، ئۆتكە تاش چۈشۈش پەيدا قىلىشىدىن ساقلايدۇ.
4. بەدەننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
    ئالما تەركىبىدىكى ئىنچىكە تالا ماددىلىرى ۋە ۋىيتامىن C، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ قىمىرلىشىغا قارىتا غىدىقلاش رولىنى ئويناپ، ئۈچەي يولىدا يېغىلىپ قالغان راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنىڭ تىز سۈرئەتتە بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، راك پەيدا قىلغۇچى ماددا نىتروزامىننىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ، ئانتىتېلا شەكىللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
5. ئۇرۇقلىتىدۇ.
    ئالما تۆۋەن ئىنىرگىيىلىق مىۋە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ئەخلەتلەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ شۇڭا ئالما تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە مىۋە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号